مۇن جائىن رۇسىيەنى ززىيارەت قىلىدۇ

جەنۇبىي كورېيە پىرېزىدېنتى مۇن جائىن 23-24-ئىيۇن كۈنلىرى رۇسىيەنى زىيارەت قىلىدۇ.

988599
مۇن جائىن رۇسىيەنى ززىيارەت قىلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جەنۇبىي كورېيە پىرېزىدېنتى مۇن جائىن 23-24-ئىيۇن كۈنلىرىدىكى رۇسىيە زىيارىتىدە پىرېزىدېنت پۇتىن بىلەن كۆرۈشىدۇ.

جەنۇبىي كورېيە پىرېزىدېنتلىق سارىيى ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى باياناتقا ئاساسلانغاندا، پىرېزىدېنت مۇن جائىن رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىننىڭ زىيارەت تەكلىپىنى قوبۇل قىلغان.

باياناتتا: " بۇ زىيارەت، كورېيە يېرىم ئارىلىدىكى ئىلگىرىلەشلەرنىڭ داۋاملىشىشىنى ۋە تىنچلىقنىڭ تەرەققىياتىنى، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرىدۇ" دېيىلدى.

مۇن جائىننىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتى جەنۇبىي كورېيە پىرېزىدېنتىنىڭ  1999-يىلدىن بۇيانقى تۇنجى قېتىملىق رۇسىيە زىيارىتى بولۇپ قالىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر