باغدادتىكى شىئەلەر مەھەللىسىدە شىدەتلىك پارتلاش يۈز بەردى

ئىراقنىڭ پايتەختى باغدادتىكى بىر شىئە جامەسىگە يېقىن جايدا بىرلا ۋاقىتتا ئىككى بومبىلىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەردى.

987794
باغدادتىكى شىئەلەر مەھەللىسىدە شىدەتلىك پارتلاش يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراقنىڭ پايتەختى باغدادتىكى بىر شىئە جامەسىگە يېقىن جايدا بىرلا ۋاقىتتا ئىككى بومبىلىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، 10 ئادەم ئۆلدى، 21 ئادەم  يارىلاندى.

لېيتېنانت خەلىل ئەززىياب، پايتەختنىڭ شەرقىدىكى ئەسسەدىر مەھەللىسىدىكى بىر شىئە جامەسىگە يېقىن ئىككى پەرقلىق جايغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان پارتلاتقۇچلارنىڭ بىرلا ۋاقىتتا پارتلىتىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

زىياب، ھۇجۇمچىلارنىڭ دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەزالىرى بولۇش ئېھتىمالى بارلىقىنى بىلدۈرۈپ، خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنىڭ ۋەقە يۈز بەرگەن جاينى كونتروللۇق ئاستىغا ئالغانلىقىنى، يېڭى ھۇجۇملارنىڭ يۈز بېرىپ قېلىش ئېھتىمالىغا قارشى خەۋپسىزلىك تەدبىرلىرىنىڭ كۈچەيتىلگەنلىكىنى قەيت قىلدى.

ئەسسەدىر مەھەللىسىدىكى ئەلئىمام دوختۇرخانىسىنىڭ بىر ئەمەلدارى، ھۇجۇمدىن كېيىن دوختۇرخانىغا 10 ئادەمنىڭ جەسىتى بىلەن 21 يارىدارلارنىڭ ئېلىپ كېلىنگەنلىكىنى ئەسكەرتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر