ئىراندا توقۇنۇش يۈز بەردى

ئىراننىڭ سەردەشت شەھىرىدە دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرى بىلەن بىر گۇرۇپپا قوراللىق تېررورچىلار ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇشتا 2 نەپەر چېگرا قوغدىغۇچى  ئۆلدى.

987384
ئىراندا توقۇنۇش يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراننىڭ رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى (IRNA) نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، دۆلەتنىڭ غەربىدىكى سەردەشت شەھىرىدە تۈنۈگۈن كېچە شۇ جاي ۋاقتى سائەت 23 ئەتراپىدا ئىران چېگرا قوغدىغۇچىلىرى بىلەن تېررورچى گۇرۇپپىلار ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇشتا يۈسۈف پىرانە ۋە مەھبۇب قۇربانى ئىسىملىك ئىككى ئەسكەر ئۆلگەن، كۆپ ساندا تېررورچىلار ئۆلتۈرۈلگەن.

ئاگېنتلىقنىڭ خەۋىرىدە تېررورچى گۇرۇپپىلارنىڭ ئىسمى ھەققىدە مەلۇمات بېرىلمىگەن بولۇپ، ئىگىلىنىشىچە، رايون  ئىلگىرى كۆپ قېتىم ئىران ئەسكەرلىرى بىلەن بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ ئىران قانىتى پېجاكقا ئەزا تېررورچىلار ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشلارغا سەھنە بولغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر