مالايشىيا مەركىزىي بانكىسى باشلىقى ئىستېپا ئىلتىماسى سۇندى

مالايشىيا مەركىزىي بانكىسى باشلىقى مۇھەممەد ئىبراھىم باش مىنىستىر ماھاتىر مۇھەممەدكە ئىستېپا ئىلتىماسى سۇندى.

986875
مالايشىيا مەركىزىي بانكىسى باشلىقى ئىستېپا ئىلتىماسى سۇندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باش مىنىستىر ماھاتىر مۇھەممەد ئىستېپا ئىلتىماسىنىڭ سۇنۇلغانلىقىنى جەزملەشتۈرۈپ، «ئۇ ئىستېپا مەكتۇپىنى بىزگە سۇندى، بىراق تېخى قارار چىقارمىدۇق» دېدى.

ئىستېپا مەكتۇپىنىڭ قوبۇل قىلىنىشى ئۈچۈن، پادىشاھ سۇلتان مۇھەممەدنىڭ ماقۇللۇقىدىن ئۆتۈشى شەرت قىلىنىدۇ.

مالايشىيا مەركىزىي بانكىسىنىڭ 8 – نۆۋەتلىك باشلىقى بولغان مۇھەممەد ئىبراھىم 2016 – يىلى ۋەزىپە ئۆتەشكە باشلىغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر