مېكسىكا ئامېرىكىنىڭ يېڭى تاموژنا بېجى بەلگىلىمىسىگە جاۋاب قايتۇردى
مېكسىكا ھۆكۈمىتى ئامېرىكىدىن ئىمپورت قىلىنىدىغان پولات-تۆمۈر ۋە ئالىيۇمىن بولۇپ بەزى مەھسۇلاتلاردىن %25 تاموژنا بېجى ئېلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مېكسىكا ئامېرىكىدىن ئىمپورت قىلىنىدىغان پولات-تۆمۈر ۋە ئالىيۇمىنلاردىن باشقا بىر قىسىم يېزا-ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىدىنمۇ %15تىن %25كىچە تاموژنا بېجى ئېلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
مېكسىكا ئىقتىساد ئىشلىرى مىنىستىرلىقى ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ سىرتتىن ئىمپورت قىلىنىدىغان پولات-تۆمۈر ۋە ئالىيۇمىنلاردىن ئېلىنىدىغان باج مىقدارىنى %25 ئۆستۈرۈۋېتىشىگە تېگىشلىك جاۋاب قايتۇرۇلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
مىنىستىرلىقنىڭ رەسمىي گېزىتىدە ئېلان قىلىغان يېڭى تاموژنا بەلگىمىسىدە ئامېرىكىدىن ئىمپورت قىلىنىدىغان چوشقا گۆشى، ئالما ۋە ياڭيۇلاردىن %20، ئېرىمچىك ۋە بۇربون ۋىسكىلىرىدىن %25 تاموژنا بېجى ئېلىنىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
مىنىستىرلىق يەنە باشقا دۆلەتلەردىن 350 مىڭ توننا چوشقا گۆشىنىڭ باجسىز ئىمپورت قىلىنىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
ئامېرىكا سودا ئىشلىرى مىنىستىرى ۋىلبۇر روس كانادا، ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرى ۋە مېكسىكىدىن ئىمپورت قىلىنىدىغان پولات-تۆمۈر ۋە ئالىيۇمىنلاردىن %25 قوشۇمچە تاموژنا بېجى ئېلىنىدىغانلىقىنى ئېيتقانىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئامېرىكا ئۇكرائىناغا 2 مىليارد دوللار ياردەم بېرىدۇ
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئۇكرائىناغا 2 مىليارد دوللار ياردەم بېرىدۇ.
ئافغانىستاندا ھەربىي تىك ئۇچار چۈشۈپ كەتتى
ئافغانىستاننىڭ غور ۋىلايىتىدە بىر ھەربىي تىك ئۇچار ئايروپىلان دەريا قىرغىقىغا چۈشۈپ كەتتى.