كەشمىردىكى توقۇنۇشلاردا 36 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى
ھىندىستاننىڭ كونتروللۇقى ئاستىدىكى (جاممۇ) كەشمىردە مەيدانغا كەلگەن توقۇنۇشلاردا يېقىنقى ئۈچ ھەپتە ئىچىدە 36 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى.
987232
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «ئىقتىساد ۋاقتى» گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، جاممۇ كەشمىردە يېقىنقى 20 كۈندە 16 قارشىلىق كۆرسەتكۈچى، 10 پۇقرا ۋە 10 ئەسكەر ھاياتىدىن ئايرىلغان.
خەۋەردە يەنە، رايوندا 15 قېتىم قول بومبىسى ھۇجۇمى يۈز بېرىپ، كەم دېگەندە 40 ئادەمنىڭ يارىلانغانلىقى قەيت قىلىندى.