سومالىدا ئەش-شەبابقا قاقشاتقۇچ زەربە بېرىلدى

ئامېرىكا  ئارمىيەسىگە قاراشلىق ئافرىقا قىسىملىرى قوماندانلىقى سومالىدا ئەش-شەبابقا قاقشاتقۇچ زەربە بەردى.

985939
سومالىدا ئەش-شەبابقا قاقشاتقۇچ زەربە بېرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا  ئارمىيەسىگە قاراشلىق ئافرىقا قىسىملىرى قوماندانلىقى سومالىنىڭ شەرقىي شىمالىدا ئەش-شەباب تېررورچىلىرىغا قارشى ئېلىپ بېرىلغان ھەربىي ھەرىكەتلەردە 27 تېررورچىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

قوماندانلىق مەركىزى تۋىتتېردىكى ئادرېسىدىن بۇ توغرۇلۇق بايانات بېرىپ، پۇنتلەند ۋىلايىتىگە قاراشلىق بوساسو شەھىرىنىڭ 26 مىل غەربىي جەنۇبىغا جايلاشقان رايوندا ئەش-شەباب تەشكىلاتىغا تەۋە بازىلارنىڭ شەنبە كۈنى بومباردىمان قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.

ھۇجۇمدا ئەش-شەبابنىڭ 27 ئەزاسىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى بىلدۈرۈلگەن باياناتتا، سومالى ھۆكۈمىتى بىلەن ھەمكارلىشىپ ئېلىپ بېرىلغان ھەربىي ھەرىكەتتە بىرمۇ بىگۇناھ كىشىنىڭ ئۆلمىگەنلىكى ئەسكەرتىلدى.

باياناتتا ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ ئامېرىكا پۇقرالىرىنى قوغداش ۋە تېررورچىلارنىڭ تەھدىتلىرىنى يوقىتىش ئۈچۈن ئافرىقا ئارمىيەسىگە قاراشلىق سومالى قىسىملىرى بىلەن بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقلىرى بىلدۈرۈلدى.

بۇ قېتىمقى ھەربىي ھەرىكەتنىڭ ئامېرىكا قىسىملىرى تەرىپىدىن بۇ يىل ئىچىدە ئەش-شەباب تەشكىلاتىغا قارشى ئېلىپ بېرىلغان ئەڭ كەڭ كۆلەملىك ھەربىي ھەرىكەت ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر