كامېرۇندا «ئانگلوفون كىرىزىسى»سەۋەبىدىن 60 ئادەم جېنىدىن ئايرىلدى

كامېرۇننىڭ غەربىي شىمالى ۋە غەربىي جەنۇبىدىكى ئىنگىلىزچە سۆزلىشىدىغان ئانگلوفون رايونىدا يېقىنقى بىر ئاي ئىچىدە زوراۋانلىق ۋەقەلىرى سەۋەبىدىن ۋەزىيەتنىڭ كەسكىنلىشىپ كەتتى.

985095
كامېرۇندا «ئانگلوفون كىرىزىسى»سەۋەبىدىن 60 ئادەم جېنىدىن ئايرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كامېرۇندا ئۆتكەن ئايدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان «ئانگلوفون كىرىزىسى»سەۋەبىدىن 60 ئادەم جېنىدىن ئايرىلدى.

مەركىزى بېلگىيەدە بولغان خەلقئارا كىرىزىس تەشكىلاتى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان دوكلاتتا، كامېرۇننىڭ غەربىي شىمالى ۋە غەربىي جەنۇبىدىكى ئىنگىلىزچە سۆزلىشىدىغان ئانگلوفون رايونىدا يېقىنقى بىر ئاي ئىچىدە زوراۋانلىق ۋەقەلىرى سەۋەبىدىن ۋەزىيەتنىڭ كەسكىنلىشىپ كەتكەنلىكى ئەسكەرتىلدى.

كامېرۇندا بۆلگۈنچى كۈچلەرنىڭ باش كۆتۈرۈشى سەۋەبىدىن 2016-يىلى دېكابىردىن بۇيان يېڭى دەۋىرگە قەدەم قويۇلغانلىقى بىلدۈرۈلگەن دوكلاتتا، ئانگلوفونلۇقلارنىڭ ئىنگىلىزچە سۆزلىشىدىغان يەرلەردىكى فىرانكوفونلۇقلارنى (فىرانسۇزچە سۆزلىشىدىغانلار)رايوننى تاشلاپ كېتىشكە مەجبۇرلىۋاتقانلىقى قەيت قىلىندى.

ئەھۋالنىڭ مۇشۇنداق بولۇشىغا قارىماي ھۆكۈمەتنىڭ بېسىم سىياسەتلىرىنى يولغا قويۇشى ۋە ساقچىلارنىڭ مۇۋازىنەتسىز كۈچ ئىشلىتىشى سەۋەبىدىن رايوننىڭ ۋەزىيىتىنىڭ تېخىمۇ كەسكىنلىشىپ كەتكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.  

ئانگلوفون كىرىزىسى ھۆكۈمەتنىڭ ئىنگىلىزچە بىلمەيدىغان ئوقۇتقۇچى ۋە سوتچىلارنى رايوندىكى مەكتەپلەر ۋە سوت مەھكىمىلىرىگە تەقسىم قىلىشىغا قارشى 2016-يىلى ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشلار سەۋەبىدىن كېلىپ چىققانىدى.

بۆلگۈنچىلەر 2017-يىلى 1-ئۆكتەبىردە سىسىكۇ ئايۇك تابە رەھبەرلىكىدە غەربىي شىمالدىكى ئانگلوفون  بامەندا رايونىدا «ئامبازونيا»نامى ئاستىدا دۆلەت قۇرغانلىقلىرىنى جاكارلىغانىدى.

ئۈستىدە تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان تابە، بۇ يىل يانۋاردا نىگېرىيەدە قولغا چۈشۈرۈلۈپ كامېرۇنغا قايتۇرۇپ بېرىلدى.

خەۋپسىزلىك قىسىملىرى بىلەن بۆلگۈنچىلار ئارىسىدا كېلىپ چىققان توقۇنۇشلاردا ھازىرغىچە نۇرغۇن ئادەم جېنىدىن جۇدا بولدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر