يەمەندە يۈز بەرگەن توقۇنۇش نۇرغۇن ئەسكەرنىڭ جېنىغا زامېن بولدى

يەمەننىڭ ئەلھۇدەيدە ۋىلايىتىدە ھۆكۈمەتنى قوللىغۇچى كۈچلەر بىلەن ھۇسىيلار ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇشتا 19 ئەسكەر ھاياتىدىن ئايرىلدى.

984351
يەمەندە يۈز بەرگەن توقۇنۇش نۇرغۇن ئەسكەرنىڭ جېنىغا زامېن بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەدەن ۋىلايىتىدىكى سەھىيە مەنبەلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھۇسىيلار بىلەن ھۆكۈمەتنى قوللىغۇچى كۈچلەر ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇشلاردىن كېيىن ھاياتىدىن ئايرىلغان 19 ئەسكەرنىڭ جەسەتلىرى بىلەن كۆپ ساندىكى يارىدارلار شەيخ ئوسمان ناھىيەسىدىكى گېرمان دوختۇرخانىسىغا ئېلىپ بېرىلغان.

يەمەن باش مىنىستىرى ئەھمەد بىن دەغر ئالدىنقى كۈنى دۆلەتنىڭ مۇھىم پورت شەھەرلىرىدىن ئەلھۇدەيدەنى ھۇسىيلاردىن ئازاد قىلىپ، زەپەر قازىنىش ئالدىدا تۇرۇۋاتقانلىقلىرىنى ئەسكەرتكەن، ھۇسىيلار 2014 – يىلدىن بۇيان كونتىرول قىلىۋاتقان ھۇدەيدەنىڭ ئازاد قىلىنىشىدىن كېيىن، ھەربىي ھەرىكەتلەرنىڭ پايتەخت سانا، تائىز، ئىب، ماھۋىت قاتارلىق ۋىلايەتلەر ھەم باشقا رايونلاردا داۋاملىشىدىغانلىقىنى ئېيتقانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر