بىرلەشمە قىسىم خاتالىقىنى ئېتىراپ قىلدى

ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى خەلقئارالىق بىرلەشمە قىسىم ئىراق بىلەن سۈرىيەدىكى ھەربىي ھەرىكەتلىرىدە 892 كىشىنىڭ خاتا ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلدى.

983579
بىرلەشمە قىسىم خاتالىقىنى ئېتىراپ قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكانىڭ باشچىلىقىدىكى "دائېشقا قارشى خەلقئارالىق بىرلەشمە قىسىم" 2014-يىلدىن بۇيان ئىراق بىلەن سۈرىيەدە ئېلىپ بارغان ھەربىي ھەرىكەتلىرىدە ئەڭ ئاز دېگەندە 892 كىشىنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى.

خەلقئارالىق بىرلەشمە قىسىم ئېلان قىلغان دوكلاتقا ئاساسلانغاندا، بىرلەشمە قىسىم 2014-يىلى ئاۋغۇستتىن 2018-يىلى ئاپرېلغىچە 29 مىڭ 358 ھۇجۇم ئەمەلگە ئاشۇرغان.

دوكلاتتا: "بىرلەشمە قىسىمنىڭ ھەربىي ھەرىكىتى باشلانغاندىن تارتىپ، ئەڭ ئاز دېگەندە 892 كىشى خاتا ھالدا ئۆلتۈرۈلدى" دېيىلدى.

بەزى مەنبەلەر بىرلەشمە قىسىمنىڭ ھۇجۇملىرىدا جېنىدىن ئايرىلغان پۇقرالارنىڭ تېخىمۇ كۆپ بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر