ترامپ: چېگراغا سوقۇلىدىغان سېپىلنىڭ پۇلىنى مېكسىكىغا تۆلىتىمەن»

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ مېكسىكا چېگراسىغا سوقۇلىدىغان سېپىلنىڭ پۇلىنى مېكسىىغا تۆلىتىدىغانلىقلىرىنى تەكرارلىدى.

982272
ترامپ: چېگراغا سوقۇلىدىغان سېپىلنىڭ پۇلىنى مېكسىكىغا تۆلىتىمەن»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قانۇنسىز كۆچمەن ئېقىنىغا تاقابىل تۇرۇشتا مېكسىكىنىڭ ھېچ ياردەمچى بولمايۋاتقانلىقىنى ئېيتقان ترامپ، مېكسىكا چېگراسىغا سوقۇلىدىغان سېپىلنىڭ پۇلىنى مېكسىكىغا تۆلىتىدىغانلىقلىرىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «چاتاق چىقىرىش نىيىتىم يوق، ئەمما مېكسىكا چېگراسىغا سوقۇلىدىغان سېپىلنىڭ پۇلىنى ئاخىرىدا مېكسىكا تۆلەيدۇ.»

مېكسىكا پىرېزىدېنتى ئېنرىچۇئې پېنا نىئېتو ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپقا دەرھال ئىنكاس قايتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «ئى پىرېزىدېنت ترامپ! ئىش ھەرگىزمۇ سىزنىڭ دېگىنىڭىزدەك بولمايدۇ، مېكسىكا سېپىلنىڭ پۇلىنى قەتئىي تۆلىمەيدۇ، ھۆرمەت بىلەن، مېكسىكا.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر