سۇيىقەستكە ئۇچرىغانلىقى ئېلان قىلىنغان رۇس ژۇرنالىست مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى

ئۇكرائىنانىڭ پايتەختى كىيېۋدا ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ئېلان قىلىنغان رۇس ژۇرنالىست ئاركادىي بابچېنكونىڭ ھايات ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا چىقتى.

982763
سۇيىقەستكە ئۇچرىغانلىقى ئېلان قىلىنغان رۇس ژۇرنالىست مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاركادىي بابچېنكو، ئۇكرائىنا دۆلەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى باشلىقى ۋاسىلىي گرىتساك بىلەن بىرلىكتە مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى؛ گرىتساك، تۈنۈگۈن ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ئېلان قىلىنغان بابچېنكونىڭ ھايات ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، «سۇيىقەست قىلىشقا ئۇرۇنۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش» مەقسىتىدە بىر سېنارىيە تەييارلىغانلىقلىرىنى ئېيتتى. ئۇ، سۇيىقەست قىلىشقا تەييارلىنىۋاتقان كىشىنىڭ كىيېۋدا قولغا چۈشۈرۈلگەنلىكىنى، ئۇنىڭ رۇسىيە تەرىپىدىن سېتىۋېلىنغان بىر ياللانما قاتىل ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

ۋاسىلىي گرىتساك، «ئۇكرائىنا دۆلەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى تەرىپىدىن ئىگىلەنگەن ئۇچۇرغا ئاساسلانغاندا، رۇسىيە ئالاھىدە خادىملىرى رۇس ژۇرنالىستنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى توغرىسىدا يوليورۇق چۈشۈرگەن» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى ۋە بىر قېتىملىق ئالاھىدە ھەرىكەت سايىسىدا ژۇرنالىست بابچېنكونىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىنىڭ ئالدىنىڭ ئېلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئارقىدىن سۆز قىلغان ژۇرنالىست بابچېنكو، ئۇكرائىنا دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسى خادىملىرىنىڭ سۇيىقەستكە ئۇچرايدىغانلىقى توغرىسىدا ئالدىن ئاگاھلاندۇرۇلغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ، «بىر ئاي ئىلگىرى مېنىڭ قېشىمغا كېلىپ، مېنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشۈم ئۈچۈن بۇيرۇق چۈشۈرۈلگەنلىكىنى بىلدۈردى. سۇيىقەست قىلىدىغان كىشىگە پۇل بېرىلىپتۇ.» دېدى.

بابچېنكو، دۆلەت بىخەتەرلىك خادىملىرىنىڭ ئىگىلىگەن ئۇچۇرلاردىن پەقەت پاسپورتىدىكى فوتو – سۈرەت ۋە مەلۇماتلارنىلا ئۆزىگە كۆرسەتكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، بۇ ئۇچۇرلارنىڭ پەقەت رۇسىيەنىڭ قولىدىلا بارلىقىنى ئېيتتى ۋە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، «مەلۇماتلارنىڭ رۇسىيەدىن كەلگەنلىكى ئېنىق بولدى. چىقىپ تۇرىدۇكى، ئۇچۇرلار دۆلەت تەرىپىدىن كەلگەن. بۇ ئۇچۇرلارغا پەقەت ئالاھىدە قىسىملارلا ئېرىشەلەيدۇ» دېگەنلەرنى ئىلگىرى سۈردى.

ئۇكرائىنا ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى، رۇسىيە پۇقراسى ئاركادىي بابچېنكونىڭ كىيېۋدىكى ئۆيىدە قوراللىق ھۇجۇمغا ئۇچرىغاندىن كېيىن، دوختۇرخانىغا يۆتكەش جەريانىدا ئۆلگەنلىكىنى بىلدۈرگەنىدى.

ژۇرنالىست بابچېنكو، 2017 – يىلىنى رۇسىيەنى تەرك ئېتىپ كىيېۋغا كېلىپ ئورۇنلاشقانىدى. ھەر خىل گېزىت ۋە تېلېۋىزىيە قاناللىرىدا ئىشلىگەن بابچېنكو، كىيېۋدىكى قىرىم تاتار تېلېۋىزىيەسى ATR دا ئۆزىنىڭ پىروگراممىسىنى تەقدىم قىلىدۇ.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر