پاكىستان بىلەن ھىندىستان ھەربىي ئەمەلدارلىرى كېلىشتى

پاكىستان بىلەن ھىندىستان ھەربىي ئەمەلدارلىرى ئوق چىقىرىشنى توختىتىش كېلىشىمىنى ئىجرا قىلىش مەسىلىسىدە كېلىشتى.

981964
پاكىستان بىلەن ھىندىستان ھەربىي ئەمەلدارلىرى كېلىشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پاكىستان بىلەن ھىندىستاننىڭ ھەربىي ئەمەلدارلىرى 2003-يىلى ئىمزالانغان ئوق چىقىرىشنى توختىتىش كېلىشىمىنى ئىجرا قىلىش مەسىلىسىدە كېلىشتى.

پاكسىتان ئارمىيەسى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەربىي ئەمەلدارلىرىنىڭ كەشمىر كونترول لىنىيەسىنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ئۈستىدە مۇزاكىرە ئۆتكۈزگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا ئىككى دۆلەتنىڭ ھەربىي ئەمەلدارلىرىنىڭ ھازىرقى ۋەزىيەتنى ياخشىلاشتۇرۇش ۋە تىنچلىقنى بەرپا قىلىش ئۈچۈن كېلىشكەنلىكلىرى قەيت قىلىندى.

ئىككى دۆلەت ئەمەلدارلىرىنىڭ 2003-يىلى ئىمزالانغان ئوق چىقىرىش توختىتىش كېلىشىمىنى ئىجرا قىلىش مەسىلىسىدە كېلىشكەنلىكلىرى ئەسكەرتىلگەن باياناتتا، ئىككى تەرەپنىڭ كېلىشىمگە خىلاپلىق قىلماسلىق توغرىسىدا ۋەدە بېرىشكەنلىكلىرى بىلدۈرۈلدى.

پاكسىتان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى 2018-يىلى 1-يانۋاردىن باشلاپ ھىندىستاننىڭ چېگرادا 100دىن ئارتۇق كېلىشىمگە خىلاپلىق قىلغانلىقىنى ۋە بۇ جەرياندا 20دىن ئارتۇق پاكىستانلىقنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

پاكسىتان بىلەن ھىندىستان چېگرا لىنىيەسىدىكى توقۇنۇشلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئوق چىقىرىشنى توختىتىش كېلىشىمىگە نۇرغۇن قېتىم خىلاپلىق قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر