ئافغانىستاندىكى بىر بانكىدا توقۇنۇش يۈز بەردى
ئافغانىستاندا مەلۇم بىر بانكىنىڭ بىر ئامانلىق ساقلاش خادىمى 4 بانكا خادىمىنىڭ جېنىغا زامىن بولدى.
980542
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئافغانىستاندا مەلۇم بىر بانكىنىڭ بىر ئامانلىق ساقلاش خادىمى باشقا بانكا خادىملىرىغا ئوق چىقىرىپ 4 ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولدى.
ئۇرۇزگان ساقچى ئىدارىسى مەسئۇللىرىدىن ئابدۇل سەمەد شەمس ۋىلايەت مەركىزىدىكى بىر بانكىدا ئىشلەيدىغان بىر ئامانلىق ساقلاش خادىمىنىڭ بانكىنىڭ باشقا خادىملىرىغا ئوق چىقىرىپ 4 كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولغانلىقىنى بىلدۈردى.
شەمس زوراۋاننىڭ قولغا چۈشۈرۈلگەنلىكىمۇ ئەسكەرتتى.
زوراۋاننىڭ ھەر قانداق بىر تەشكىلات بىلەن ئالاقىسىنىڭ بار يوقلىقى ئۈستىدە تەكشۈرۈش خىزمىتى ئېلىپ بېرىلماقتا.