دۇنيا بويىچە پاسپورتى ئەڭ كۈچلۈك دۆلەت قايسى؟
ياپونىيەنىڭ پاسپورتى دۇنيا بويىچە ئەڭ كۈچلۈك پاسپورت دەپ باھالاندى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «Henley» پاسپورت باھالاش دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، جەمئىي 189 يۆنىلىشكە ۋىزىسىز بارالايدىغان ياپونىيە پاسپۇرتى، 2018 – يىلىنىڭ دۇنيا بويىچە ئەڭ كۈچلۈك پاسپورتى بولۇپ باھالانغان.
باھالاش دوكلاتىدا يەنە، جەمئىي 188 يۆنىلىشكە ۋىزىسىز بارالايدىغان سىنگاپور پاسپورتى 2 –، ۋە گېرمانىيە پاسپورتى 3 – بولغان.
بۇلاردىن قالسا، رەت بويىچە جەنۇبىي كورېيە، فىنلاندىيە، فىرانسىيە، ئىتالىيە، ئىسپانىيە ۋە شۋېتسىيەنىڭ پاسپورتلىرى كۈچلۈك پاسپورتلار تىزىملىكىگە كىرگەن.
«Henley» پاسپورت باھالاش دوكلاتى خەلقئارا ئاۋېئاتسىيە بىرلىكىنىڭ ئىستاتىستېكىلىق سانلىق مەلۇماتلىرىنى ئۆزىگە مەنبە قىلىدۇ.
«Henley» پاسپورت باھالاش دوكلاتى، جەمئىي 199 دۆلەتنىڭ پاسپۇرتى ۋە 227 سەپەر يۆنىلىشىگە قاراپ ھازىرلىنىدۇ.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
مىچوتاكس تۈركىيەگە كېلىدۇ
گىرېتسىيە باش مىنىستىرى كېرىياكوس مىچوتاكىس پايتەخت ئەنقەرەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ.