دانىيە بىلەن شىۋېتسىيە رۇس تەھدىتىگە بىرلىكتە قارشى تۇرۇش توغرىسىدا كېلىشتى

دانىيە مۇداپىئە مىنىستىرى كلائۇس بىلەن شىۋېتسىيە مۇداپىئە مىنىستىرى پېتېر ئۇچرىشىش ئۆتكۈزۈپ، رۇسىيەگە قارشى بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىشنى قارار قىلدى.

977113
دانىيە بىلەن شىۋېتسىيە رۇس تەھدىتىگە بىرلىكتە قارشى تۇرۇش توغرىسىدا كېلىشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دانىيە پايتەختى كوپېنھاگېندا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولغان شىۋېتسىيە مۇداپىئە مىنىستىرى پېتېر، دانىيە مۇداپىئە مىنىستىرى كلائۇس بىلەن كۆرۈشتى. ئىككى مىنىستىرنىڭ قوشما مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، دانىيە بىلەن شىۋېتسىيەنىڭ رۇسىيە تەھدىتىگە قارشى مۇداپىئە مەسىلىلىرىدە بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىش توغرىسىدا كېلىشكەنلىكلىرى بىلدۈرۈلدى.

مۇداپىئە ساھەسىدە ئورنىتىلىدىغان ھەمكارلىقنىڭ ھاۋا ۋە دېڭىز ساھەسىنى كۆزىتىشنى چۆرىدەيدىغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

ئىككى دۆلەتنىڭ رۇسىيە ئايروپىلانلىرىغا قارشى تېز سۈرئەتتە چارە – تەدبىرلەرنى يولغا قويۇش ئۈچۈن، ئۆزئارا ئالدىن ئىجازەت ئالماستىنلا بىر – بىرلىرىنىڭ ھاۋا ساھەسىدىن پايدىلىنىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.

كېلىشىم ھاسىل قىلىنغان يەنە بىر مەسىلە، بالتىق دېڭىزىدا ئىككى دۆلەتكە خەۋپ شەكىللەندۈرۈۋاتقان رۇسىيە سۇ ئاستى پاراخوتلىرىنى ئېنىقلاش يولىدىكى ھەمكارلىقنى تېخىمۇ قۇيۇقلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت بولدى.

دانىيە بىلەن شىۋېتسىيەنىڭ سۇ ئاستى مۇداپىئە ئۇرۇشى تېخنولوگىيەسى دائىرىسىدە دېڭىزلارنى بىرلىكتە كۆزىتىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر