كاتالونىيەنىڭ سابىق پىرېزىدېنتىنى تۇتۇش تەلىپى رەت قىلىندى

گېرمانىيە شلەسۋىك ھوشتايىن ئىشتاتلىق ئالىي سوت مەھكىمىسى كاتالونىيە ئاپتونوم رايونىنىڭ سابىق پىرېزىدېنتى پۇئىگدېمونتنىڭ تۇتۇلۇشىنى تەلەپ قىلغان ئىشتاتلىق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ تەلىپىنى رەت قىلدى.

976686
كاتالونىيەنىڭ سابىق پىرېزىدېنتىنى تۇتۇش تەلىپى رەت قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شلەسۋىك ھوشتايىن ئىشتاتلىق تەپتىش مەھكىمىسى كاتالونىيەنىڭ سابىق پىرېزىدېنتى پۇئىگدېمونتنى تۇتۇش تەلىپىنىڭ رەت قىلىنغانلىقى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى. باياناتتا، تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئىسپانىيە ئورگانلىرى ئەۋەتكەن يېڭى مەلۇماتلار ۋە ئىسپانىيە خەۋپسىزلىك تارماقلىرىغا قارىتىلغان زوراۋانلىقلارنى كۆرسىتىدىغان ۋىدېئولارغا ئاساسەن 9-ماي (چارشەنبە) پۇئىگدېمونتنىڭ تۇتۇلۇشىنى تەلەپ قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا، پۇئىگدېمونت تەرەپدارلىرىنىڭ  ناھايىتى ئاشۇرۇۋەتكەنلىكى، شۇڭا پۇئىگدېمونتنىڭ بۇ سەۋەبتىن "ئىسيان چىقىرىش" جىنايىتى بىلەن تۇتۇلۇپ، قايتۇرۇلۇشى مۇمكىنلىكى ئەسكەرتىلگەن باياناتتا، گېرمانىيە جىنايى ئىشلار قانۇنىغا ئاساسەن پۇئىگدېمونتنىڭ پەقەت خىيانەت قىلىشلا ئەمەس، بەلكى "خاتىرجەملىكنى بۇزۇش" جىنايىتى بىلەنمۇ سوتقا تارتىلىشى مۇمكىنلىكى ۋە قېچىپ كېتىش ئېھتىمالىنىڭ بارلىقى قەيت قىلىندى.

شلەسۋىك ھوشتايىن ئىشتاتلىق ئالىي سوت مەھكىمىسىنىڭ قارارىدا، دەۋا جەريانىنىڭ مەۋجۇت ئەھۋالىغا ئاساسەن پۇئىگدېمونتنىڭ قېچىش ئېھتىمالىنىڭ ئاشمىغانلىقى سەۋەب قىلنىپ، ئىشتاتلىق تەپتىش مەھكىمىسى تەلىپنىڭ رەت قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

5-ئاپرېل چىقىرىلغان قارارنىڭ كۈچكە ئىگە بولىدىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن سوت قارارىدا، پۇئىگدېمونتنىڭ ئىسپانىيەگە قايتۇرۇپ بېرىلىدىغانلىقى ياكى بېرىلمەيدىغانلىقى قارارىنىڭ چىقىش ۋاقتىنىڭ ئېنىق ئەمەسلىكى، تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ بۇنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن تەلەپ سۇنمىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

سوتنىڭ قارارىغا ئاساسەن، پۇئىگدېمونتنىڭ ئەركىن يۈرۈشى داۋام قىلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر