ترامپ گېرمانىيەنى تەنقىد قىلدى

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ مۇداپىئە چىقىملىرىنى ناتو كېلىشىملىرى دائىرەسىدە ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ %2 سەۋىيەسىگە چىقارمىغان دۆلەتلەرگە قارىتىپ: "ئۇلارنى ئويلىشىمىز" دېدى.

973767
ترامپ گېرمانىيەنى تەنقىد قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پىرېزىدېنت دونالد ترامپ ناتو باش كاتىپى ستولتېنبېرگمۇ قاتناشقان كابېنت يىغىنىدا سۆز قىلدى. ئۇ كۆپ دۆلەتلەرنىڭ مۇداپىئە چىقىملىرىنى ناتو كېلىشىملىرى رامكىسىدا ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ %2 ى سەۋىيەسىگە چىقارغانلىقىنى تىلغا ئالدى ۋە بەزى دۆلەتلەرنىڭ تېخى ۋەدىلىرىگە ئەمەل قىلمىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ مەزكۇر مەسىلىدە ۋەدىسىگە ئەمەل قىلغان يەتتە دۆلەتكە تەشەككۈر ئېيتتى ۋە: "ۋەدىلىرىگە ئەمەل قىلمىغانلار بار، ئۇلارنى ئويلىشىمىز" دېدى. ئۇ گېرمانىيەنىڭ مۇداپىئەگە قوشۇۋاتقان ئۈلۈشىنىڭ كام قالغانلىرىنى تولۇقلاپ، ناتودىكى رەھبەرلىك رولىنى نامايان قىلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ گېرمانىيە ھەققىدە مۇنداق دېدى:

"گېرمانىيە قوشۇشى كېرەك بولغان ئۈلۈشىنى قوشمايۋاتىدۇ، بىراق ئۇ ئەڭ كۆپ پايدىلانغان دۆلەت. ئوچۇقىنى ئېيتقاندا، ئامېرىكادىنمۇ ناھايىتى كۆپ پايدىلىنىدۇ. بۇنىڭغا قوشۇپ، مىليونلارچە دوللار تۆلەپ رۇسىيەدىن ئىنتايىن كۆپ مىقداردا گاز سېتىۋالىدۇ.شۇڭا، بۇ بىزنىڭ كېيىنرەك سۆزلىشىدىغان مەسىلىلىرىمىزدۇر."

ناتو باش كاتىپى ستولتېنبېرگ پىرېزىدېنت ترامپنىڭ ناتو ئەزالىرىنىڭ مۇداپىئە چىقىملىرى توغرىسىدىكى تىرىشچانلىقلىرىنى تەقدىرلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ: "سىزنىڭ مۇداپىئە خامچوتى توغرىسىدىكى باشلامچىلىقىڭىز پەرق يارىتىشقا كۆپ پايدىلىق بولدى. بۇ ئىتتىپاقداشلارغا تەسىر كۆرسىتىدۇ، چۈنكى ئەزا دۆلەتلەر ھازىر دۆلەت مۇداپىئە چىقىملىرىنى كۆپەيتىۋاتىدۇ، ھېچقايسى ئەزا دۆلەت خامچوتلىرىنى قىسقارتمىدى" دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر