پۇتىن يېڭى كابېنتنى تەستىقلىدى

رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىننىڭ باش مىنىستىر مېدۋېدېۋ سۇنغان يېڭى كابېنتنى تەستىقلىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

974063
پۇتىن يېڭى كابېنتنى تەستىقلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيەنىڭ يېڭى كابېنتىدا، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ ۋە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى سېرگېي شويگۇنىڭ ۋەزىپىسىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقى كۆرۈلدى.

پۇتىن يېڭى مىنىستىرلارنى ۋەزىپىگە تەيىنلەش توغرىسىدىكى پەرمانغا بۈگۈن (18-ماي) ئىمزا قويىدۇ. مېدۋېدېۋ سۇنغان تىزىملىكتە تۆۋەندىكى مىنىستىرلارنىڭ ۋەزىپىسىنى داۋاملاشتۇرۇشى تەكلىپ قىلىنغان بولۇپ، ئۇلار:

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى سېرگېي شويگۇ، ئېنېرگىيە مىنىستىرى ئالېكساندىر نوۋاك، ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ئالېكساندىر كولوكولتسېۋ، سەھىيە مىنىستىرى ۋېرونىكا سكۋورتوسۋا، سانائەت ۋە سودا مىنىستىرى دېنىس مانتۇروۋ، تەنتەربىيە مىنىستىرى پاۋېل كولوبكوۋ، ئىقتىسادىي تەرەققىيات مىنىستىرى ماكسىم ئورېسكىن ۋە ئەمگەك ۋە ئىجتىمائىي بىخەتەرلىك مىنىستىرى ماكسىم توپىلىندىن ئىبارەت.

رۇسىيەدە 18-مارت ئۆتكۈزۈلگەن پىرېزىدېنتلىق سايلاملىرىدا غەلىبە قىلغان پۇتىن يېڭى ھۆكۈمەتنى قۇرۇش ۋەزىپىسىنى مېدۋېدېۋغا تاپشۇرغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر