نىگېرىيەدە بوكو ھارام تېررورچىلىرى ساقچىلارغا ھۇجۇم قىلدى
نىگېرىيەدە بوكو ھارام تېررورچىلىرى بىر كونترول ئېغىزىغا ھۇجۇم قىلىپ 5 ساقچىنىڭ جېنىغا زامىن بولدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: غەربىي ئافرىقا دۆلىتى نىگېرىيەدە بوكو ھارام تەشكىلاتى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان ھۇجۇمدا 5 ساقچى ئۆلدى.
نىگېرىيە دۆلەتلىك جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش ئىدارىسىگە قاراشلىق بورنو كوردىناتورى گاربا، بوكو ھارام تەشكىلاتىنىڭ نىگېرىيەنىڭ شەرقىي شىمالىغا جايلاشقان كوندۇگادا بىر كونترول ئېغىزىغا ھۇجۇم قىلىپ 5 ساقچىنىڭ جېنىغا زامىن بولۇپ، نۇرغۇن ئادەمنى يارىلاندۇرغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
گاربا يارىلانغانلارنىڭ دوختۇرخانىغا ياتقۇزۇلغانلىقىنى ئېيتىپ، ۋەقە ئۈستىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
نىگېرىيەدە 2000-يىللاردىن بۇيان «پائالىيەت» قىلىپ كېلىۋاتقان بوكو ھارام تەشكىلاتى، كاتتىبېشى مۇھەممەد يۇسۇف نازارەت ئاستىدىكى ۋاقتىدا ئۆلۈپ كېتىشىدىن كېيىن 2009-يىلدا كەڭ كۆلەملىك تېررورلۇق ھۇجۇملىرى سادىر قىلىشقا باشلىدى.
نىگېرىيەدىكى تېررورلۇق ھۇجۇملىرى ۋە توقۇنۇشلىرى سەۋەبىدىن يۈز مىڭلارچە ئادەم كۆچۈشكە مەجبۇر بولدى.