ھەسەن رۇھانى لىۋان بىلەن بىرلىشىپ ئىسرائىلىيەگە قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

ئىران پىرېزىدېنتى ھەسەن رۇھانى ئىراننىڭ لىۋان بىلەن بىرلىشىپ ئىسرائىلىيەگە قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

971355
ھەسەن رۇھانى لىۋان بىلەن بىرلىشىپ ئىسرائىلىيەگە قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران پىرېزىدېنتى ھەسەن رۇھانى ئىسرائىلىيەنىڭ زوراۋانلىقىغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن لىۋاننى قوللاشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئىران دۆلەت تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ھەسەن رۇھانى لىۋاننىڭ يېڭى تېھران ئەلچىسى ھەسەن ئابباسنى قوبۇل قىلىپ كۆرۈشكەن.  

كۆرۈشۈشتە لىۋاننىڭ رايوندىكى ئەڭ مۇھىم دۆلەتلەردىن بىرى ئىكەنلىكىنى ئېيتقان رۇھانى، تېھران ۋە بەيرۇت ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنى تېخىمۇ كۈچەيتىش لازىملىقىنى ئەسكەرتتى.

لىۋاننىڭ مۇقىملىقى ۋە بىخەتەرلىكىنى قوغداشنىڭ ئەھمىيىتىنى ئېيتقان رۇھانى: ئىران سىيونىست ھاكىمىيەتنىڭ زوراۋانلىق قىلمىشلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن لىۋاننى قوللاشنى داۋاملاشتۇرىدۇ، دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر