«پەلەستىن ۋە قۇددۇس مەسىلىسىدە تۈركىيە ھەرگىزمۇ سۈكۈت قىلمايدۇ»

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ پەلەستىن ۋە قۇددۇس مەسىلىسىدە پۈتكۈل دۇنيا سۈكۈت قىلسىمۇ تۈركىيەنىڭ سۈكۈت قىلمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

969314
«پەلەستىن ۋە قۇددۇس مەسىلىسىدە تۈركىيە ھەرگىزمۇ سۈكۈت قىلمايدۇ»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: چاۋۇشئوغلۇ ئىستانبۇلدا ئىشقا ئاشۇرۇلغان «ئەرەب ژۇرنالىستلار بىلەن ئۇچرىشىش» پىروگراممىسىدا قىلغان سۆزىدە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئىسرائىلىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسىنى قۇددۇسقا يۆتكەش قارارى توغرۇلۇق توختىلىپ مۇنداق دېدى: «ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ بۇنداق قارار چىقىرىشى خاتادۇر. شۇڭا، بۇنداق خاتا قارارغا قارشى بىردەك قارشى چىقىشىمىز لازىم. يېقىندىن بۇيان ئىسلام دۇنياسىدا، بولۇپمۇ ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقىدا بىرئاز ئارىسالدىلىق، ھەتتا كەينىگە چېكىنىشتەك خاھىشلار كۆرۈلۈۋاتىدۇ، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدىن تەپ تارتىدىغان بەزى دۆلەتلەرنىڭ پەلەستىن داۋاسى مەسىلىسىدە كەينىگە چېكىنىۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋاتىمىز.»

ئەرەب دۇنياسىنىڭ پەلەستىن مەسىلىسىگە تۇتۇۋاتقان سەلبىي پوزىتسىيەسىنىڭ ناھايىتى چوڭ خاتالىق ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن چاۋۇشئوغلۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «بۇ ناھايىتى چوڭ خاتا قاراشتۇر، ۋەھىمىلىك خاتالىقتۇر. بۇنى تارىخمۇ، ئىسلام ئۈممىتىمۇ ھەرگىز كەچۈرمەيدۇ. بەزى دۆلەتلەر ئىيوردانىيەگىمۇ، پەلەستىنگىمۇ بېسىم ئىشلىتىشتىن ۋاز كېچىشلىرى كېرەك. پەلەستىن داۋاسىغا ھېچكىم ساھىب چىقمىغان، قۇددۇس داۋاسى مەسىلىسىدە پۈتكۈل دۇنيا سۈكۈت قىلغان تەقدىردىمۇ، تۈركىيە ئەسلا سۈكۈت قىلمايدۇ، پەلەستىن داۋاسىغا ئاداققىچە ساھىب چىقىدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر