ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ترامپ بىلەن كىم جوڭئۇن سىنگاپوردا كۆرۈشىدۇ

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ  بىلەن شىمالىي كورېيە رەھبىرى كىم جوڭئۇن 12 – ئىيۇن كۈنى سىنگاپوردا بىر يەرگە جەم بولىدۇ.

968576
ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ترامپ بىلەن كىم جوڭئۇن سىنگاپوردا كۆرۈشىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ترامپ ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، مۇنداق دېدى: «ئۇزۇندىن بۇيان كىم جوڭئۇن بىلەن مېنىڭ ئوتتۇرامدا ئىشقا ئاشۇرۇلۇشى كۈتۈلۈۋاتقان ئۇچرىشىش 12 – ئىيۇن كۈنى سىنگاپوردا ئېلىپ بېرىلىدۇ، بۇ ئۇچرىشىشنىڭ  دۇنيانىڭ تىنچلىقى جەھەتتىن ئالاھىدە بىر پەيت بولۇشى ئۈچۈن،  ھەر ئىككىمىز قولىمىزدىن كېلىشىچە تىرىشچانلىق كۆرسىتىمىز.»

ئىلگىرى كىم جوڭئۇن بىلەن ئۇچرىشىدىغان ئەڭ مۇۋاپىق جاينىڭ ئىككى دۆلەت چېگراسىغا جايلاشقان ھەربىيدىن خالىي رايون بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ترامپ، ئالدىنقى  كۈنى ئاقسارايدا ئېلان قىلغان باياناتىدا بولسا، كۆرۈشىدىغان جاينىڭ 3 كۈن ئىچىدە ئېلان قىلىنىدىغانلىقىنى، ھەمدە بۇ جاينىڭ ھەربىيدىن خالىي رايون ئەمەسلىكىنى  بىلدۈرگەنىدى.

ئۇ يەنە، شىمالىي كورېيە تاپشۇرۇپ بەرگەن 3 ئامېرىكىلىق تۇتقۇننى تۈنۈگۈن كېچە پايتەخت ۋاشىنگتوندا قارشى ئالغان ۋە بۇنىڭ ئۈچۈن شىمالىي كورېيە رەھبىرى كىم جوڭئۇنغا رەھمەت ئېيتقانىدى.

جەنۇبىي كورېىيە پىرېزىدېنتى مون جائىن بىلەن شىمالىي كورېيە رەھبىرى كىم جوڭئۇن 27 – ئاپرېل كۈنى  ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى پانمۇنجون ئۇرۇش توختىتىش يېزىسىدا بىر يەرگە جەم بولغانىدى.

رەھبەرلەر، كورېىيە يېرىم ئارىلىدا ئۇزاق مەزگىللىك تىنچلىق ئورنىتىش يولىدا تاشلىنىۋاتقان قەدەملەرگە شاھىت بولغان ھالدا، كورېىيە يېرىم ئارىلىنى يادرو قوراللىرىدىن خالىي قىلىش ۋە مەۋجۇت ئۇرۇش توختىتىشنى ئۇزاق مەزگىللىك تىنچلىق كېلىشىمىگە ئايلاندۇرۇش مەسىلىسىدە بىردەكلىك ھاسىل قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر