ئىسىرائىلىيە سۈرىيەنىڭ جەنۇبىغا ھۇجۇم قىلدى

ئىسىرائىلىيە سۈرىيەنىڭ جەنۇبىدىكى كۇنەيترا ۋىلايىتىگە قاراشلىق بائاس ۋە ھادار رايونىنى تانكا ۋە زەمبىرەكلەر بىلەن بومباردىمان قىلدى.

967973
ئىسىرائىلىيە سۈرىيەنىڭ جەنۇبىغا ھۇجۇم قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كۇنەيترا ۋىلايىتىدىكى يەرلىك مەنبەلەردىن ئېلىنغان مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، ئىسىرائىلىيە قىسىملىرى ئىشغال ئاستىدا تۇتۇۋاتقان گولان ئېگىزلىكىدىن ھۇجۇم قىلغان. بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى قىسىملىرى راكېتامىيوتلار بىلەن قارشىلىق بىلدۈرگەندىن كېيىن، ئىسىرائىلىيە ئايروپىلانلىرى بائاس شەھىرىنىڭ ئەتراپىدىكى رايونلارغا ۋە كۇنەيترا ۋىلايىتىنىڭ شىمالىدىكى تېل ئاھمار رايونىنى بومباردىمان قىلغان.

ئىسىرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ يازما باياناتىغا قارىغاندا، ئىران ئىنقىلابىي مۇھاپىزەتچىلىرى قىسمى تارمىقىدىكى "قۇددۇس كۈچى" نىڭ سۈرىيەدىن ئىشغال ئاستىدىكى گولان ئېگىزلىكىدىكى بازىلارغا 20 گە يېقىن راكېتامىيوت ئاتقان.

بىلدۈرۈلىشىچە، ئېتىلغان راكېتامىيوت ئوقلىرى ئىسىرائىلىيە ھاۋا مۇداپىئە قالقان سىستېمىلىرى تەرىپىدىن توسۇۋېلىنغان، ھۇجۇمدا ئۆلۈم-يېتىم ھادىسىلىرى كۆرۈلمىگەن.

باياناتتا مۇنداق دېيىلگەن:

"ئىسىرائىلىيە ئارمىيەسى بۇنى قورقۇنچلىق ۋەقە سۈپىتىدە كۆرمەكتە ۋە ھەر خىل سېنارىيەلەرگە قارشى تەييار تۇرۇشنى داۋاملاشتۇرماقتا."



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر