ترامپ ئىرانغا تەھدىت سالدى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئىرانغا تەھدىت سالدى.

967674
ترامپ ئىرانغا تەھدىت سالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دونالد ترامپ مىنىستىرلار كېڭىشى يىغىنىغا كېتىۋېتىپ، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ «كەڭ دائىرىلىك ئورتاق ھەرىكەت پىلانى» دەپ ئاتالغان ئىران بىلەن ھاسىل  قىلىنغان يادرو كېلىشىمىدىن چېكىنىشىنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى، ھەمدە «كەڭ دائىرىلىك ئورتاق ھەرىكەت پىلانى» نىڭ بىر تەرەپلىك پىلان ئىكەنلىكىنى، شۇڭا بۇ پىلاننىڭ يادرو قوراللىنىشقا يول ئاچىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ھالدا مۇنداق دېدى: «يا دۇنيا ئۈچۈن ھەقىقەتەنمۇ ياخشى بىر كېلىشىم تۈزىمىز، ياكى ھېچقانداق كېلىشىم تۈزمەيمىز.»

ئۇ يەنە، ئىرانغا تەھدىت سېلىپ مۇنداق دېدى: «ئىرانغا يادرو پىروگراممىسىنى قايتىدىن ئىشقا كىرىشتۈرمەسلىكىنى تەۋسىيە قىلىمەن، ئەگەر ئۇنداق قىلمايدىكەن، ئاقىۋىتى ئېغىر بولىدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر