ترامپنىڭ ئىران يادرو كېلىشىمىدىن چېكىنىش قارارى خەلقئارا جامائەتچىلىكنىڭ قوللىشىغا ئېرىشەلمىدى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ ئىران بىلەن تۈزۈلگەن يادرو كېلىشىمىدىن چېكىنىش ۋە بۇ دۆلەتكە قايتىدىن ئېمبارگو يۈرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ قوللىشىغا ئېرىشەلمىدى.

967276
ترامپنىڭ ئىران يادرو كېلىشىمىدىن چېكىنىش قارارى خەلقئارا جامائەتچىلىكنىڭ قوللىشىغا ئېرىشەلمىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا ئىتتىپاقى، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى – ناتو ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) يادرو كېلىشىمىنى مۇھاپىزەت قىلىنىشىنى ياقلاپ بايانات ئېلان قىلدى.

ياۋروپا ئىتتىپاقى كېڭىشى باشلىقى دونالد تۇسك ئىجتىمائىي تاراتقۇدىكى ئادرېسى ئارقىلىق ئۇچۇر تارقىتىپ، «ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ ئىران يادرو كېلىشىمى ۋە سودىغا ئالاقىدار سىياسەتلىرىگە قارشى ياۋروپا ئىتتىپاقى بىرلىك ھالىتىدە ھەرىكەت قىلىدۇ» دېدى.

ياۋروپا ئىتتىپاقى رەھبەرلىرىنىڭ 17 – مايدا بۇلغارىيەنىڭ پايتەختى سوفيادا يىغىن ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى خاتىرىلىتىپ ئۆتكەن تۇسك، ئىران يادرو كېلىشىمى ۋە سودىسىغا ئالاقىدار مەسىلىلەرنىڭ يىغىندا مۇزاكىرە قىلىنىدىغانلىقىنىڭ سىگنالىنى بەردى.

ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى مۇناسىۋەتلەر ۋە بىخەتەرلىك سىياسەتلىرى ئالىي ۋەكىلى فېدېرىكا موگېرىنىمۇ ئىتالىيەنىڭ پايتەختى رومادىكى يادرو كېلىشىمى ۋاكالەتخانىسىدا مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ ئىران بىلەن تۈزۈلگەن يادرو كېلىشىمىدىن چېكىنگەنلىكىنى ئېلان قىلغانلىقىدىن ئەپسۇسلانغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ ئىرانغا خىتاب قىلىپ، «ۋەدەڭلاردا تۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۇڭلار، بىزمۇ ئۆز ۋەدىلىرىمىزدە تۇرىمىز. خەلقئارا جەمئىيەت بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن يادرو كېلىشىمىنى قوغدايمىز» دېدى.

ب د ت  باش كاتىپى ئانتونىئو گۇتېررېسمۇ يازما بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ ئىران قارارىدىن چوڭقۇر قايغۇرغانلىقىنى ئەسكەرتتى؛ كېلىشىمگە تەرەپ بولغان دۆلەتلەرنى ئەھدىسىدە تۇرۇشقا ۋە بارلىق ئەزا دۆلەتلەرنى يادرو كېلىشىمىنى قوللاشقا چاقىرغان گۇتېررېس، ئىران بىلەن ھاسىل قىلىنغان يادرو كېلىشىمىنىڭ يادرو قورالسىزلىنىش ۋە زاپاسلاش يولىدىكى غايەت زور ئۇتۇق ھېسابلىنىدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ دۇنيانىڭ تىنچلىق ۋە بىخەتەرلىكىگە ھەسسە قوشقانلىقىنى تەكىتلىدى.

ناتو بولسا، ئامېرىكىنىڭ ئىران يادرو كېلىشىمىدىن چېكىنىش قارارىدىن كېيىن بارلىق تەرەپلەرنى كەڭ دائىرىلىك سىياسىي چارە تېپىش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە چاقىردى.

ناتو باياناتچىسى ئوئانا لۇنگېسكو، ناتونىڭ 2015 – يىلى ئىران يادرو كېلىشىمىنى قىزغىن قارشى ئالغانلىقىنى ۋە تولۇق مەنىدە ئىجرا قىلىنىشى ئۈچۈن چاقىرىق ئېلان قىلغانلىقىنى خاتىرىلىتىپ ئۆتتى.

بۇ جەرياندا ئەنگلىيە، گېرمانىيە ۋە فىرانسىيە باش مىنىستىرلىرى، ئامېرىكىنىڭ ئىران يادرو كېلىشىمىدىن چېكىنىش قارارى توغرىسىدا قوشما بايانات ئېلان قىلىپ، كېلىشىمگە رىئايە قىلىشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقلىرىنى جاكارلىدى. باياناتتا، «فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېمانۇئېل ماكرون، ئەنگلىيە باش ۋەزىرى تىرېسا مېي ۋە گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېل، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ دۆلىتىنى 2015 – يىلى (ئىران بىلەن يادرو كېلىشىمى) ئىمزالانغان كەڭ دائىرىلىك ئورتاق ھەرىكەت پىلانىدىن چېكىندۈرۈش قارارىدىن ئەپسۇسلانغانلىقىنى ۋە قايغۇرغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

باياناتتا يەنە، «بىز ھەممىمىز بىرلىكتە كەڭ دائىرىلىك ئورتاق ھەرىكەت پىلانىغا ساداقىتىمىزنى تەكىتلەيمىز. بۇ كېلىشىم ئورتاق خەۋپسىزلىكىمىز ئۈچۈن ھېلىھەم مۇھىمدۇر» دېيىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر