ترامپ: ئىران بىلەن تۈزۈلگەن كېلىشىمدىن چېكىنىمىز

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ، دۆلىتىنىڭ ئىران بىلەن تۈزۈلگەن يادرو كېلىشىمىدىن چېكىنگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

966715
ترامپ: ئىران بىلەن تۈزۈلگەن كېلىشىمدىن چېكىنىمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دونالد ترامپ ئاقسارايدا مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، ئالدى بىلەن ئىران دائىرىلىرىنى ئەيىبلىدى؛ ئۇ ئىراننىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنى قوللىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، «ئىران تېررورنىڭ مالىيە مەنبەسىدۇر. بۇنىڭ ئۈچۈن ئۆز خەلقىنىڭ بايلىقىنى ئىشلەتتى. ئىران، ھىزبۇللاھ، ھاماس، تالىبان ۋە ئەلقائىدەنىڭ قوللىغۇچىسىدۇر دېدى.

ئىران بىلەن تۈزۈلگەن كېلىشىمنىڭ بۇ دۆلەتنىڭ ئۇران قويۇقلاندۇرۇشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ترامپ، «(بۇ) نومۇس قىلارلىق بىر كېلىشىمدۇر. بۇ بىر تەرەپلىمە بىر كېلىشىمدۇر. يادرو كېلىشىمىگە يول قويسام، ئوتتۇرا شەرقتە قوراللىنىش كۆرۈلىدۇ. بۇ كېلىشىم ئىراننىڭ رايوندىكى مۇددىئالىرىنى توسۇپ قالالمىدى. ئىراننىڭ يادرو بومبىسىنى بۇ پۇراپ قالغان كېلىشىم بىلەن توسىيالمايمىز دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ترامپ، كېلىشىم ئىمزالانغان 2015 – يىلىدىن تا بۈگۈنگىچە بولغان جەرياندا، ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ ناچارلىشىۋاتقانلىقىغا قارىماي ئىراننىڭ ھەربىي خامچوتىنىڭ %40 ئاشقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ئېمبارگولار بىكار قىلىنغاندىن كېيىن، ھۆكۈمەت ئىلكىگە ئۆتكەن فوندىنى يېڭى يادرو قورالى ئىشلەپچىقىرىش ۋە تېررورنى قوللاپ، پۈتكۈل ئوتتۇرا شەرقنى ۋەيران قىلىش ئۈچۈن ئىشلەتكەنكىنى ئىلگىرى سۈردى. ئارقىدىن پۈتكۈل دۇنيا كۈتۈۋاتقان قارارىنى ئېلان قىلىپ، «كېلىشىمدىن چېكىنىمەن» دېدى.

«بۇ كېلىشىم ئىراننىڭ ئۇران قۇيۇقلاندۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۇشىنى ۋە يادرو پىلانىغا ئالاقىدار ئەرزىمەس چەكلىمىلەر بەدىلىگە ئۆزىگە زىيان يەتكۈزۈۋاتقان ئېمبارگولارنىڭ بىكار قىلىنىشىنى مۇمكىن قىلدى. بۇ كېلىشىم، بىر پۇقرا بولۇش سۈپىتىم بىلەن ماڭا نىسبەتەن نومۇس مەنبەسىدۇر» دېگەن دونالد ترامپ، شۇڭا بۈگۈن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئىران يادرو كېلىشىمىدىن چېكىنگەنلىكىنى ئېلان قىلىمەن. ئەڭ كۈچلۈك دەرىجىدىكى ئىقتىسادىي ئېمبارگولارنى يولغا قويىمىز. ئىرانغا يادرو قورال خىزمىتىدە ياردەم قىلغان ھەربىر دۆلەت ئامېرىكىنىڭ ئېغىر شەكىلدىكى ئېمبارگوسىغا دۇچار بولۇشى مۇمكىن» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

ترامپ ئالاقىدار دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە «ئىراننىڭ يادرو خەۋپىگە قارشى» يېڭى بىر كېلىشىم تۈزۈش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىش مۇمكىنچىلىكى بارلىقىنى ئەسكەرتتى.

مەزكۇر يادرو كېلىشىمى، ئىران بىلەن ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ بەش دائىمىي ئەزاسى ۋە گېرمانىيە ئارىسىدا 2015 – يىلى ئىمزالانغانىدى.

كېلىشىمنىڭ روھىغا ئاساسەن، ئىراننىڭ يادرو پىلانىنى قىسقارتىشى بەدىلىگە بەزى ئىقتىسادىي ئېمبارگولارنىڭ بىكار قىلىنىشى قارار قىلىنغانىدى.

ترامپنىڭ قارارىدىن كېيىن، ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ دىققەت – ئېتىبارى تېھراننىڭ پوزىتسىيەنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىغا مەركەزلەشتى.

ئىران پىرېزىدېنتى ھەسەن رۇھانى، ئامېرىكا كېلىشىمدىن چېكىنگەن تەقدىردە پوشايمان قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقانىدى.

ئىران پارلامېنتى يادرو كومېتىتى باشلىقى مۇجتەبا زۇننۇر بولسا، ئامېرىكا يادرو كېلىشىمىدىن چېكىنگەن تەقدىردە، تېھراننىڭ ئېھتىياجىغا قاراپ ئۇران قويۇقلاشتۇرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ۋاشىنگتون پوچتىسى گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان بىر ئانالىزدا، «ترامپ كېلىشىمدىن چېكىنگەن تەقدىردە، ئەسلىدىنلا بار بىلەن يوقنىڭ ئارىسىدا بولۇۋاتقان دىيالوگنىڭ پۈتۈنلەي توختاپ كېتىش مۇمكىنچىلىكى بارلىقى، يېقىنلىشىش ۋە يارىشىش ئىمكانىيىتىنىڭمۇ پۈتۈنلەي تۈگەيدىغانلىقى» توغرىسىدىكى قاراشلاردا ئورۇن بېرىلگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر