خىتايدىكى بىر كۆمۈر كاندا پارتلاش يۈز بەردى
خۇنەن ئۆلكىسىگە قاراشلىق شاۋدۇڭ ناھىيەسىدىكى بىر كۆمۈر كاندا پارتلاش يۈز بەردى.
966881
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتايدىكى مەلۇم بىر كۆمۈر كاندا پارتلاش يۈز بېرىپ 5 ئىشچى ئۆلدى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، خۇنەن ئۆلكىسىگە قاراشلىق شاۋدۇڭ ناھىيەسىدىكى بىر كۆمۈر كاندا كېچىدە پارتلاش يۈز بەرگەن.
مېتان گازى سەۋەبلىك مەيدانغا كەلگەن پارتلاشتا 5 ئىشچى ئۆلگەن.
قۇتقۇزۇش ۋە سەھىيە خادىملىرىنىڭ نەق مەيدانغا كېلىپ خىزمەت ئىشلەۋاتقانلىقلىرى بىلدۈرۈلدى.