ترامپ ئىران بىلەن تۈزۈلگەن يادرو كېلىشىمىگە ئالاقىدار قارارىنى بۈگۈن ئېلان قىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ، ئىران بىلەن تۈزۈلگەن يادرو كېلىشىمىگە ئالاقىدار قارارىنى بۈگۈن (تۈركىيە ۋاقتى سائەت 21:00 دە) ئېلان قىلىدۇ.

966000
ترامپ ئىران بىلەن تۈزۈلگەن يادرو كېلىشىمىگە ئالاقىدار قارارىنى بۈگۈن ئېلان قىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دونالد ترامپ ئىران بىلەن تۈزۈلگەن يادرو كېلىشىمى توغرىسىدا  تىۋىتتېر ئادرېسىدا ئۇچۇر تارقىتىپ، «ئىران كېلىشىمىگە ئالاقىدار قارارىمنى بۈگۈن سائەت 14:00 تە ئاقسارايدا ئېلان قىلىمەن» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ترامپ سايلام سەپەرۋەرلىك پائالىيەتلىرى مەزگىلىدىن بۇيان «ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تارىخىدىكى ئەڭ ناچار كېلىشىملەرنىڭ بىرى ئىكەنلىكى» نى ئىلگىرى سۈرۈپ كېلىۋاتقان يادرو كېلىشىمىدىن چېكىنىپ چىقىش ئېھتىمالى بارلىقىغا ئىشارەت قىلىپ كەلمەكتە ئىدى.

ترامپ بۇنىڭدىن ئىلگىرىكى باياناتلىرىدا، ئىران بىلەن تۈزۈلگەن يادرو كېلىشىمىگە ئالاقىدار ھەل قىلغۇچ قارارىنى 12 – مايدا ئېلان قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ كېلىشىمدىن چېكىنىپ چىقىپ، ئىرانغا قايتىدىن ئېمبارگو يۈرگۈزۈش ئېھتىمالى بارلىقىنىڭ سىگنالىنى بەرگەنىدى.

2015 – يىلى ئىيۇلدا ئىران بىلەن ب د ت  خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ بەش دائىمىي ئەزاسى (ئامېرىكا، ئەنگلىيە، خىتاي، فىرانسىيە، ۋە رۇسىيە) ۋە گېرمانىيە ئارىسىدا يادرو كېلىشىمى ئىمزالانغان ۋە بۇ كېلىشىمگە كەڭ دائىرىلىك ئورتاق ھەرىكەت پىلانى، دەپ نام بېرىلگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر