خىتايدا يۇقىرى دەرىجىلىك بىر ئەمەلدار مۇددەتسىز قاماققا ھۆكۈم قىلىندى

خىتايدا پارىخورلۇق بىلەن ئەيىبلەنگەن سابىق سىياسەتچى سۇن جىڭسەي تيەنجېن شەھەرلىك سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن مۇددەتسىز قاماققا ھۆكۈم قىلىندى.

966116
خىتايدا يۇقىرى دەرىجىلىك بىر ئەمەلدار مۇددەتسىز قاماققا ھۆكۈم قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، تيەنجېن شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى سۇن جىڭسەينى 2017-2002-يىللىرى ئارىسىدا پايتەخت بېيجىڭ، چوڭچىڭ شەھىرى ۋە جىلىن ئۆلكىسىدە ۋەزىپە ئۆتەش جەريانىدا 170 مىليون يۈەن (تەخمىنەن 26.7 مىليون دوللار) پارا ئېلىش ۋە خىيانەت قىلىش جىنايەتلىرى بىلەن ئەيىبلەپ، ئۆمۈر بويى سىياسىي ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىش، بارلىق مال-مۈلكى ۋە قانۇنسىز يوللار بىلەن قولغا كەلتۈرگەن مال-بېساتلىرىنى مۇسادىرە قىلىش ھەققىدە ھۆكۈم چىقارغان.

سۇن جىڭسەي بۇ يىل 54 ياش بولۇپ، ئۇ ئۆتكۈزگەن جىنايەتلىرى سەۋەبىدىن پۇشايمان قىلغانلىقىنى ۋە يۇقىرى سوتقا ئەرز سۇنمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

سۇن جىڭسەي 2017-يىلى ئىيۇلدا چوڭچىڭ شەھەرلىك پارتكومىنىڭ سېكرېتارلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقاندا تەكشۈرۈلگەن بولۇپ، سېنتەبىر ئېيىدا خىتاي كومپارتىيەسىدىن قوغلاپ چىقىرىلىپ، ھوقۇقىدىن ئېلىپ تاشلانغان ئىدى.

شى جىنپىڭ خىتاي رەئىسى بولغان 2013-يىلدىن بۇيان پارىخورلۇققا قارشى كۈرەشنى دۆلەتنىڭ ئەڭ مۇھىم كۈنتەرتىپى قىلىپ كۆرسەتمەكتە. خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 2017-يىلى پارىخورلۇققا قارشى ھەرىكەت دائىرەسىدە، 159 مىڭ دۆلەت خادىمىغا ھەر خىل جازالارنىڭ بېرىلگەنلىكىنى ئېلان قىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر