نىگېرىيەدە قوراللىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ 45 پۇقرا ھاياتىدىن ئايرىلدى

غەربىي ئافرىقا دۆلىتى نىگېرىيەنىڭ غەربىي شىمالىدا يۈز بەرگەن قوراللىق ھۇجۇمدا 45 پۇقرا ھاياتىدىن ئايرىلدى.

965178
نىگېرىيەدە قوراللىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ 45 پۇقرا ھاياتىدىن ئايرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كادۇنا ئۆلكىلىك خەۋپسىزلىك ۋە ياخشى رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، بىر گۇرۇپپا قوراللىق ھۇجۇمچىنىڭ كادۇنا ئۆلكىسىگە قاراشلىق گۋاسكا يېزىسى ئاھالىسىنى ئوققا تۇتقانلىقىنى، ھۇجۇمدا كەم دېگەندە 45 كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى، يارىلانغان كۆپ ساندا ئادەمنىڭ بالنىستقا ئېلىنغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ئالاقىدار تارماقلار ۋەقە ئۈستىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشنى باشلىدى.

ئۆتكەن ھەپتە كادۇنادىكى بىر كان تەۋەلىكىدە قوراللىق ھۇجۇم يۈز بېرىپ، 14 كانچى ھاياتىدىن ئايرىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر