مەھمۇد ئابباس لاتىن ئامېرىكا زىيارىتىنى باشلىدى

پەلەستىن دۆلەت رەئىسى مەھمۇد ئابباس ۋېنېزۇئېلا، چىلى ۋە كۇبا قاتارلىق دۆلەتلەرنى زىيارەت قىلىدۇ.

965563
مەھمۇد ئابباس لاتىن ئامېرىكا زىيارىتىنى باشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پەلەستىن دۆلەت رەئىسى مەھمۇد ئابباس  لاتىن ئامېرىكا زىيارىتىنى باشلىۋەتتى.

مەھمۇد ئابباسنىڭ دىپلوماتىيە ئىشلىرى مەسلىھەتچىسى مەجدى ئەل-خالىدى،   مەھمۇد ئابباسنىڭ پەلەستىن مەسىلىسىدە لاتىن ئامېرىكا دۆلەتلىرىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىش ئۈچۈن بۇ قېتىمقى زىيارەتنى ئورۇنلاشتۇرغانلىقىنى، ئابباسنىڭ ۋېنېزۇئېلا، چىلى ۋە كۇبا قاتارلىق دۆلەتلەرنى زىيارەت قىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ قۇددۇسنى ئىسرائىلىيەنىڭ پايتەختى ئېلان قىلىپ تېل ئاۋىۋدىكى ئامېرىكا كونسولخانىسىنى قۇددۇسقا يۆتكەش توغرىسىدا بايانات بېرىشىدىن كېيىن، مەھمۇد ئابباس پەلەستىن ۋە قۇددۇس داۋاسىدا باشقا دۆلەتلەرنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىش ۋە مۇستەقىل پەلەستىن دۆلىتى قۇرۇش مەقسىتىدە ياۋروپا ۋە ئەرەب دۆلەتلىرىنى زىيارەت قىلغانىدى.

 مەھمۇد ئابباس لاتىن ئامېرىكىلىق مەنسەبداشلىرى بلەن كۆرۈشكەندە پەلەستىن داۋاسى ۋە قۇددۇس مەسىلىسىنى كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كېلىپ، مەنسەبداشلىرى بىلەن  بۇ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈستىدە ئۆز-ئارا پىكىر ئالماشتۇرىدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر