كىلائۇئېئا يانار تېغى لاۋا پۈركۈشنى داۋاملاشتۇرماقتا

ئامېرىكىنىڭ ھاۋاي ئىشتاتىدا ئۆتكەن ھەپتە پائالىيەتكە ئۆتكەن كىلائۇئېئا يانار تېغىدىن چىققان لاۋا، تاش ۋە زەھەرلىك گاز تۈپەيلى رايوندىن 1700 دىن ئارتۇق ئادەم تارقاقلاشتۇرۇلدى.

965747
كىلائۇئېئا يانار تېغى لاۋا پۈركۈشنى داۋاملاشتۇرماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ھاۋاي ئىشتاتىدا ئۆتكەن ھەپتە پائالىيەتكە ئۆتكەن كىلائۇئېئا يانار تېغىدىن چىققان لاۋا، تاش ۋە زەھەرلىك گاز تۈپەيلى رايوندىن 1700 دىن ئارتۇق ئادەم تارقاقلاشتۇرۇلدى.

ئالاقىدار ئەمەلدارلار، لېئىلانى ئېستېيېس رايونىدا 26 ئۆينىڭ گۈمۈرۈلۈپ چۈشكەنلىكىنى، 4 قۇرۇلۇشنىڭ لاۋا ئاستىدا قالغانلىقى، 1700 دىن ئارتۇق ئادەمنىڭ بىخەتەر جايلارغا تارقاقلاشتۇرۇلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

يانار تاغدىن ئېتىلىپ چىققان لاۋانىڭ 61 مېتىرغىچە يۈكسەلگەنلىكى، 36 مىڭ كۋادرات مېتىر جايغا يېيىلغانلىقى، لاۋا ئېقىنىنىڭ يەنە قانچىلىك داۋاملىشىدىغانلىقىنىڭ نامەلۇملۇقى بىلدۈرۈلدى.

ۋولقان يەردە ھاسىل قىلغان يېرىقلاردىن ئېرىگەن قىيا، زەھەرلىك گاز ۋە تۇمان چىققانلىقى قەيت قىلىندى.

دۇنيانىڭ ئەڭ ئاكتىپ ۋولقانلىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدىغان كىلائۇئېئا يانار تېغىدا 1983 – يىلىدىن بۇيان پارتلاشلار يۈز بېرىپ كەلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر