ئافغانىستاندا تالىباننىڭ ھۇجۇمىدا ئامانلىقنى ساقلاش خادىملىرى ھاياتىدىن ئايرىلدى

ئافغانىستاندا تالىباننىڭ كوھىستان ناھىيەسىگە قىلغان ھۇجۇمىدا 5 نەپەر ئامانلىقنى ساقلاش خادىمى ھاياتىدىن ئايرىلدى.

964403
ئافغانىستاندا تالىباننىڭ ھۇجۇمىدا ئامانلىقنى ساقلاش خادىملىرى ھاياتىدىن ئايرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  بەدەخشان ۋىلايەتلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى باش ئىدارىسىنىڭ باياناتچىسى سانائۇللاھ رۇھانىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تالىبان كۈچلىرىنىڭ تۈنۈگۈن كېچە كوھىستان ناھىيەسىگە ھۇجۇم قىلىشىدىن كېيىن توقۇنۇش يۈز بەرگەن، ئۇدا بىرقانچە سائەت داۋاملاشقان توقۇنۇشتىن كېيىن دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرى كوھىستان ناھىيەسى مەركىزىنى تەرك ئېتىپ، چېكىنىشكە مەجبۇر بولغان، شۇنىڭ بىلەن، تالىبان كۈچلىرى ناھىيەدىكى دۆلەت بىنالىرىنى قولغا كىرگۈزگەن، دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرى ناھىيەنى قايتۇرۇۋېلىش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتكەن.

بەدەخشان ۋىلايەتلىك شۇرا مەجلىسىنىڭ ۋەكىلى ناجى نازارىنىڭ ئېيتىشىچە، تالىبان كۈچلىرىنىڭ كوھىستان ناھىيەسىگە قىلغان ھۇجۇمىدا 5 نەپەر ئامانلىقنى ساقلاش خادىمى ھاياتىدىن ئايرىلغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر