شىنزو ئابې پەلەستىندە زىيارەتتە بولدى

ياپونىيە باش ۋەزىرى شىنزو ئابې، دۆلىتىنىڭ تېل ئاۋىۋدىكى ئەلچىخانىسىنى قۇددۇسقا يۆتكىمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

962442
شىنزو ئابې پەلەستىندە زىيارەتتە بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياپونىيە باش ۋەزىرى شىنزو ئابې ئوتتۇرا شەرق زىيارىتى دائىرىسىدە پەلەستىنگە بېرپ، پەلەستىن دۆلەت رەئىسى مەھمۇد ئابباس بىلەن كۆرۈشتى. ئىككى رەھبەر، ئىشغال ئاستىدىكى غەربىي قىرغاققا جايلاشقان راماللاھتا ئۆتكۈزۈلگەن ئۇچرىشىشتا، پەلەستىننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ۋە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرى توغرىسىدا سۆزلەشتى.

باش ۋەزىرى شىنزو ئابې، ياپونىيەنىڭ پەلەستىنگە ياردەم قىلىشنى داۋاملاشۇرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ئىسرائىلىيە – پەلەستىن مەسىلىسىدە ئىككى دۆلەتلىك ھەل قىلىش چارىسىنى قوللايدىغانلىقلىرىنى قەيت قىلدى ۋە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، «ياپونىيە تېل ئاۋىۋدىكى ئەلچىخانىسىنى قۇددۇسقا يۆتكىمەيدۇ» دېدى.

پەلەستىن دۆلەت رەئىسى مەھمۇد ئابباسمۇ، ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى دوستلۇقنىڭ ئەھمىيىتىنى تەكىتلەپ، ئابېغا ھەر جەھەتتە پەلەستىننى قوللىغانلىقى ئۈچۈن مىننەتدارلىقىنى ئىپادىلىدى. ئۇ، ئۇچرىشىشتا، پەلەستىن تەرەپنىڭ 1967 – يىلىدىكى چېگرالار ئىچىدە پايتەختى شەرقىي قۇددۇس بولغان مۇستەقىل پەلەستىن دۆلىتى قۇرۇلۇشنى مەزمۇن قىلغان ئىككى دۆلەتلىك  چارىنى قوللايدىغانلىقلىرىنى يەنە بىر قېتىم تىلغا ئالدى.

پەلەستىن رەھبىرى ئابباس، مەزكۇر چارىنى چۆرىدەيدىغان خەلقئارانىڭ  يوللۇق قارارلىرىنى ئىجرا قىلىش يولىدىكى تىرىشچانلىقلارغا ماسلىشىشقا تەييار ئىكەنلىكلىرىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

ئۇچرىشىشتىن كېيىن ئابباس ئابې ۋە ھەمرالىقىدىكى ھەيئەتكە كەچلىك زىياپەت بەردى.

شىنزو ئابېنىڭ ئىسرائىلىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇشى كۈتۈلمەكتە.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ 6 – دېكابىردا قۇددۇسنى «ئىسرائىلىيەنىڭ پايتەختى» دەپ ئېتىراپ قىلغانلىقىنى ۋە ئەلچىخانىسىنىڭ تېل ئاۋىۋدىن قۇددۇسقا يۆتكىلىشى توغرىسىدا يوليورۇق چۈشۈرگەنلىكىنى ئېلان قىلغانىدى.

ئامېرىكا دائىرىلىرى تېل ئاۋىۋدىكى ئەلچىخانىسىنى 14 – مايدا قۇددۇسقا يۆتكەشنى قارار قىلغان بولۇپ، بۇ قارار رايون ۋە خەلقئارا سەۋىيەدە كۈچلۈك نارازىلىق پەيدا قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر