گوللاندىيەدە 2017 – يىلى ئىش تاشلاش يىلى سۈپىتىدە ئۆتتى

گوللاندىيەدە 2017 – يىلى ئىشچى – خىزمەتچىلەر يېقىنقى 30 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ كۆپ ئىش تاشلىغان ۋە ئەڭ كۆپ ئىشچى – خىزمەتچىلەر ئىش تاشلاش ھەرىكىتىگە قاتناشقان بىر يىل بولدى.

962693
گوللاندىيەدە 2017 – يىلى ئىش تاشلاش يىلى سۈپىتىدە ئۆتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گوللاندىيە ئىستاتىستىكا ئورگىنىڭ دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، دۆلەتتە ئىشچى – خىزمەتچىلەر 2016 – يىلى 25 قېتىم، 2017 – يىلى 32 قېتىم ئىش تاشلىغان. 2016 – يىلقى ئىش تاشلاش ھەرىكەتلىرىگە 11 مىڭ كىشى، 2017 – يىلقى ئىش تاشلاش پائالىيەتلىرىگە بولسا 147 مىڭ كىشى قاتناشقان. ئىشچى – خىزمەتچىلەر ئىش تاشلاش ئارقىلىق مائاشىنىڭ ئۆستۈرۈپ بېرىلىشى ۋە خىزمەت شارائىتىنىڭ ياخشىلاپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلغان.

گوللاندىيەدە ئۆتكەن يىلقى 50 مىڭدىن ئارتۇق باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى قاتناشقان ئىش تاشلاش سەۋەبىدىن كۆپ ساندىكى مەكتەپلەر بىر كۈن تاقالغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر