ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئافغانىستاندا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېئو ئافغانىستاننىڭ پايتەختى كابۇلدا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى.

961888
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئافغانىستاندا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا ئەسكەرتىلىشىچە، مىنىستىر پومپېئو كابۇلدا كۆپ ساندا كىشىنىڭ جېنىغا زامىن  بولغان تېررورلۇق ھۇجۇمى توغرۇلۇق يازما بايانات ئېلان قىلىپ، مۇنداق دېگەن: «ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى كابۇلدا جەسۇر ژۇرنالىستلار ۋە ئاخبارات ۋاسىتىلىرى خادىملىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان 29 كىشىنىڭ جېنىغا زامىن  بولغان ۋەھشىيلەرچە تېررورلۇق ھۇجۇمىنى قاتتىق ئەيىبلەيدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر