بېيجىڭ ۋاشىنگتوننىڭ «خۇاۋېي» قارارىغا نارازىلىق بىلدۈردى

بېيجىڭ، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ خىتاينىڭ ئەقلىيفون ئىشلەپچىقارغۇچىسى ۋە تېلېكوم شىركىتى خۇاۋېي ئۈستىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش قارارىغا نارازىلىق بىلدۈردى.

959211
بېيجىڭ ۋاشىنگتوننىڭ «خۇاۋېي» قارارىغا نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى خۇا چۇنيىڭ مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، بىر دۆلەتنىڭ ئۆز ئىچكى قانۇنىغا ئاساسەن، بىر تەرەپلىمە ھالدا ئېمبارگو يۈرگۈزۈشىگە قارشى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، «بۇ جەھەتتىكى پوزىتسىيەمىز تۇراقلىق ۋە روشەندۇر» دېدى.

خۇا چۇنيىڭ ۋاشىنگتون دائىرىلىرىنىڭ چەت ئەللىك مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ ئامېرىكا سودا ساھەسىگە بولغان ئىشەنچىسىگە تېخىمۇ ئىلگىرىلەپ زىيان يەتكۈزمەسلىكىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، «خەلقئارالىق سېلىنما ۋە سودا شىركەتلىرىنىڭ نورمال، ئادىل، ئۆزئارا پايدا يەتكۈزۈش پىرىنسىپىغا تايىنىپ قىلغان ئىشلىرىغا زىيان يەتكۈزمەڭلار» دەپ چاقىرىق قىلدى.

ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىقى، خىتاينىڭ ئەقلىيفون ئىشلەپچىقارغۇچىسى ۋە تېلېكوم شىركىتى گۇرۇھى خۇاۋېي ئۈستىدىن ئىرانغا يۈرگۈزۈلگەن ئېمبارگوغا خىلاپلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشنى باشلىغانلىقىنى ئۇقتۇرغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر