ترامپ: سۈرىيەدىن چېكىنىشنى خالايمىز، بىراق...

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ، ئەگەر ئىران يادرو پىلانىنى قايتىدىن ھەرىكەتكە ئۆتكۈزىدىغان بولسا، ھازىرغىچە بولۇپ كەلگىنىدىنمۇ ئېغىر مەسىلىلەرگە دۇچار بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

958278
ترامپ: سۈرىيەدىن چېكىنىشنى خالايمىز، بىراق...

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ترامپ ئاقسارايدا فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېمانۇئېل ماكرون بىلەن بىرلىكتە مۇخبىرلارنىڭ ئىران يادرو كېلىشىمىگە دائىر سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

ئىران بىلەن ئامېرىكا ئارىسىدا 2015 – يىلى ئىمزالانغان يادرو كېلىشىمىنىڭ «ناھايىتى ناچار كېلىشىم» ئىكەنلىكىنى ۋە ئۇنىڭ پەقەت «تۈزۈلمەسلىكى كېرەكلىكى» توغرىسىدىكى قاراشلىرىنى تەكرارلىغان ترامپ، تېھران دائىرىلىرىنىڭ يادرو مەسىلىسىگە ئالاقىدار يېقىنقى باياناتلىرىنى يېقىندىن تەقىب قىلىۋاتقانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

ئۇ، ئىراننى يادرو پىلانىنى قايتىدىن باشلىماسلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇپ، «ئەگەر ئىران يادرو پىلانىنى قايتىدىن باشلىسا، ھازىرغىچە بولۇپ كەلگىنىدىن خېلىلا ئېغىر مەسىلىلەرگە دۇچار بولىدۇ» دېدى.

ترامپ، ئوتتۇرا شەرقتىكى ساقلىنىۋاتقان مەسىلە بار بارلىق جايلاردا ئىران بىلەن ئۇچرىشىپ قالغانلىقلىرىنى ۋە بۇ دۆلەتنىڭ سۈرىيەدىن يەمەنگىچە بولغان كۆپلىگەن ۋەقەلەرنىڭ ئىچىدە ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ يەنە، ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ سۈرىيەدىن دۆلىتىگە قايتىشنى خالايدىغانلىقىنى، بىراق، ئىراننىڭ دائېشتىن خالىيلاشتۇرۇلغان جايلاردا تەسىرىنى كۈچەيتىشىنىمۇ خالىمايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

«ئۆيگە قايتىشنى خالايمىز، ئەمما، كۈچلۈك ۋە ئىزچىلىققا ئىگە بولىدىغان شەكىلدە ئىزىمىزنى قالدۇرۇپ قويۇشنىمۇ خالايمىز» دېگەن دونالد ترامپ، رايوندىكى بەزى باي دۆلەتلەرنىڭ سۈرىيە كىرىزىسىنىڭ ھەل قىلىنىشىغا كېرەكلىك مالىيە ياردىمىنى بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ كۆپ بېرىشى كېرەكلىكىنى قەيت قىلدى ۋە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، «ئوتتۇرا شەرققە 18 يىلدا 7 تىرىليون دوللار سەرپ قىلدۇق ۋە ئۇنىڭ بەدىلىگە ئاساسەن ھېچبىر نەرسە ئالالمىدۇق. ناھايىتى باي دۆلەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان رايوندىكى بەزى دۆلەتلەرنى مۇھاپىزەت قىلىۋاتىمىز. ئەمدى ئوتتۇرىغا چىقىپ، رايوندا بولۇۋاتقان ئىشلار ئۈچۈن پۇل سەرپ قىلىشلىرى كېرەك» دېدى.

فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېمانۇئېل ماكرون بولسا، ئىران بىلەن تۈزۈلگەن يادرو كېلىشىمى مەسىلىسىنىڭ دىپلوماتىك يوللار بىلەن ھەل قىلىنىشى كېرەك، دەپ قارايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، «ھازىردىن باشلاپ ئىران بىلەن يېڭى بىر (يادرو) كېلىشىم تۈزۈش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىشنى خالايمىز. ئوتتۇرا شەرقتە ئىران بىلەن تۈزۈلىدىغان يېڭى سۆھبەتلەرگە تۈركىيە بىلەن رۇسىيەمۇ ئىشتىراك قىلىشى كېرەك» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر