يادرو قوراللىرىنى ئىشلىتىشنىڭ خەتىرى كۆپەيمەكتە

ب د ت (بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى) يادرو قورالسىزلىنىش تەشكىلاتىنىڭ ئالىي ۋەكىلى ئىزۇمى ناكامىتسۇ يادرو قوراللىرىنى ئىشلىتىش خەتىرىنىڭ ئېشىۋاتقانلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى.

957444
يادرو قوراللىرىنى ئىشلىتىشنىڭ خەتىرى كۆپەيمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يادرو قوراللىرىنى چەكلەش ئەھدىنامىسى (NPT) گە مۇناسىۋەتلىك خەلقئارالىق كونفېرانس ب د ت نىڭ جەنۋەدىكى ئىشخانىسىدا باشلاندى.

ب د ت يادرو قورالسىزلىنىش ئالىي ۋەكىلى ناكامىتسۇ كونفېرانسنىڭ ئېچىلىشىدا سۆز قىلىپ، يېقىنقى مەزگىللەردە ئېشىۋاتقان يادرو قوراللىرىنىڭ زۆرۈر ئىكەنلىكى توغرىسىدا ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقان گەپ-سۆزلەرنى ئەيىبلىدى.

ئۇ: «يادرو قوراللىرىنىڭ زۆرۈرلۈكى ۋە پايدىسى توغرىسىدا قىلىنىۋاتقان گەپ-سۆزلەر كۆپىيىۋاتىدۇ. يادرو قوراللىرىنى ئىشلىتىش ھەققىدىكى تەھدىتلەر قەستەنلىك بىلەن ياكى ئوخشىمىغان شەكىلدە بارغانسېرى چوڭىيىۋاتىدۇ. پۈتۈن ئىنسانىيەتكە مۇناسىۋەتلىك بولغان مەزكۇر تەھدىت، يادرولۇق قوراللار مىللىي قوراللارنىڭ ئىچىدىن ئورۇن ئالغان ھالدا داۋام قىلىدۇ» دېدى.

ئۇ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئىران بىلەن يادرو كېلىشىمىنى بىكار قىلىدىغانلىقى توغرىسىدىكى باياناتلار ئۈستىدىمۇ توختالدى. ئۇ كونفېرانسقا ئىشتىراك قىلغان بارلىق ئەزا دۆلەتلەرگە كېلىشىمنى ئىجرا قىلىشنى ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك قوغداشنى چاقىرىق قىلدى.

يادرو قوراللىرىنى پۈتكۈل دۇنيادا يوق قىلىش ۋە يېڭىلىرىنى چەكلەشنى مەقسەت قىلغان يادرو قوراللىرىنى چەكلەش ئەھدىنامىسى، 2017-يىل ئىيۇلدا 122 دۆلەتنىڭ قوللىشى بىلەن قوبۇل قىلىنغان ئىدى.

يادرو قوراللىرىغا ئىگە بولغان ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە دائىمىي ئەزا بولغان ئامېرىكا، ئەنگلىيە، رۇسىيە، فىرانسىيە ۋە خىتاي، ئەھدىنامىسىگە قارشى چىقىپ، مۇناسىۋەتلىك مۇزاكىرەلەرگە ۋە بېلەت تاشلاشقا قاتناشمىغان ئىدى.

ب د ت نىڭ جەنۋەدىكى ئىشخانىسى ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان كونفېرانس 4-ماي ئاخىرلىشىدۇ.    



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر