چىلىدا پارتلاش يۈز بەردى
جەنۇبىي ئامېرىكا دۆلىتى چىلىدا بىر دوختۇرخانىدا يۈز بەرگەن پارتلاشتا 3 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى ۋە ئاز دېگەندىمۇ 50 كىشى يارىدار بولدى.
956519
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: چىلىنىڭ كونسەپشىن شەھىرىدە پائالىيەت قىلىۋاتقان بىر گېرمانىيە دوختۇرخانىسىدا يۈز بەرگەن پارتلاشنىڭ گاز قاپلىشىپ قىلىشى سەۋەبىدىن مەيدانغا كەلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.
پارتلاش دوختۇرخانىنىڭ يېنىدىكى چايخانىغىمۇ ئېغىر تەسىر كۆرسەتتى.
پارتلاشتا 3 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلىپ، 50 دىن ئارتۇق كىشى يارىدار بولدى. يارىدارلار ئەتراپتىكى ھەر قايسى دوختۇرخانىلاردا بالنىستقا ئېلىندى.
ۋەقە ھەققىدە كەڭ كۆلەملىك تەكشۈرۈشلەر داۋاملاشماقتا.