نىگېرىيەدە پادىچىلار بىلەن دېھقانلار توقۇنۇشۇپ 30 ئادەم ئۆلدى

زامپارا ۋىلايىتىگە قاراشلىق كابارو ۋە دانمانى يېزىلىرىدا پادىچىلار بىلەن دېھقانلار توقۇنۇشۇپ 30 ئادەم ئۆلدى.

956085
نىگېرىيەدە پادىچىلار بىلەن دېھقانلار توقۇنۇشۇپ 30 ئادەم ئۆلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نىگېرىيەنىڭ غەربىي شىمالىدا ئىككى تەرەپ ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بېرىپ 30 ئادەم ئۆلدى.

نىگېرىيە خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، زامپارا ۋىلايىتىگە قاراشلىق كابارو ۋە دانمانى يېزىلىرىدا بىر تۈركۈم قوراللىق كىشى ھۇجۇم قوزغاپ نۇرغۇن ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولغان ۋە  يارىلاندۇرغان.

ۋىلايەت ساقچىسى ئىدارىسى باياناتچىسى مۇھەممەد شېھۇ ھۇجۇم سەۋەبلىك نۇرغۇن ئاھالىنىڭ يۇرتنى تاشلاپ كېتىشكە مەجبۇر بولغانلىقىنى بىلدۈردى.  

بۇ رايوندا پات-پات پادىچىلار بىلەن دېھقانلار توقۇنۇشۇپ تۇرىدۇ، چارۋىلىرىنى ئوتلىتىش ئۈچۈن نىگېرىيەنىڭ جەنۇبىي رايونلىرىغا كۆچۈپ كەتكەن پۇلانىلار چارۋىلىرىنى رايوندىكى دېھقانلارنىڭ ئوغرىلاپ كېتىدىغانلىقلىرىنى،ھەتتا ئۇلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ تۇرىدىغانلىقلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈشمەكتە.

پۇلانى پادىچىلىرىنىڭ نوپوسىنىڭ كۆپرەكى خىرىستىيانلار ياشايدىغان رايونلاردا 18-ئەسىردە ياشاپ ئۆتكەن ئىسلام ئالىمى شەيخ ئوسمان دان پودىيونىڭ ئىدىيەلىرىنى تەرغىپ قىلىدىغانلىقلىرى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.


خەتكۈچ: #نىگېرىيە

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر