تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ 6 ئەزاسى ئۇجۇقتۇرۇلدى

ئىراقتا ئىزدەپ تۇتۇش ھەرىكىتى جەريانىدا تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ 6 ئەزاسى ئۇجۇقتۇۇلدى.

954791
تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ 6 ئەزاسى ئۇجۇقتۇرۇلدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراق دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىغا قاراشلىق ئامانلىقنى قوغداش ئىدارىسى ئاخبارات ئىشلىرى مەركىزى باياناتچىسى برىگىدا كوماندىرى يەھيا رەسۇل ئېلان قىلغان يازما باياناتىدا، ئارمىيە بىلەن ساقچىلار بىرلىكتە سالاھىددىن رايونى مەركىزى تىكرىتتە، ھاۋا ئارمىيەسىنىڭمۇ يارىدىمى بىلەن ئىزدەپ تۇتۇش ھەرىكىتى ئېلىپ بارغانلىقىنى ۋە بۇ جەرياندا تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشقا ئەزا 6 تېررورچىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئىراق ھۆكۈمىتى 2017يىلى دېكابىردا دۆلەت مىقياسىنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشتىن تازىلانغانلىقىنى ئېلان قىلغان بولسىمۇ، ئەمما تەشكىلاتنىڭ يوشۇرۇنىۋالغان كۈچلىرى پات پات ھۇجۇملارنى قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلمەكتە.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر