ئىراقتا دائېشقا ئەزا 4 چەت ئەللىك ئايالغا ئۆلۈم جازاسى بېرىلدى
ئىراقتا تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشقا ئەزا 4 چەت ئەللىك ئايالغا ئۆلۈم جازاسى بېرىلدى.
953787
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراقتا تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشقا ئەزا چەت ئەللىك 7 ئايال ئۆلۈم ۋە ئۆمۈرۋايەت قاماق جازالىرىغا ھۆكۈم قىلىندى.
ئىراق ئالىي سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، ئىراق مەركەز جىنايىي ئىشلار مەھكىمىسىنىڭ 3ئەزەربەيجانلىق ، 1قىرغىزىستانلىق بولۇپ جەمئىي 4 ئايالغا ئۆلۈم جازاسى بەرگەنلىكىنى، 1 فىرانسىيەلىك ۋە 2 رۇسىيەلىك ئايالغا ئۆمۈرۋايەت قاماق جازاسى بەرگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.
ئىراق مەركەز جىنايىي ئىشلار مەھكىمىسى بۇنىڭدىن بۇرۇنمۇ دائېش ئەزاسى بولغان 1 گېرمانىيە پۇقراسىغا ئۆلۈم جازاسى بەرگەنىدى.