ئافغانىستاندا بومبا ھۇجۇمى يۈز بېرىپ بىر قوماندان قازا قىلدى

ئافغانىستاننىڭ جەنۇبىدىكى قەندىھار ۋىلايىتىدە يۈز بەرگەن بومبا ھۇجۇمىدا قەندىھار چېگرا مۇداپىئەسى قىسىملىرىنىڭ قوماندانى ھاياتىدىن ئايرىلدى.

954114
ئافغانىستاندا بومبا ھۇجۇمى يۈز بېرىپ بىر قوماندان قازا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جامائەت خەۋپسىزلىكى تارماقلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، قەندىھار ۋىلايەتلىك چېگرا مۇداپىئەسى قىسىملىرىنىڭ قوماندانى جانان ئافغان رەسمىي ئاپتوموبىلىغا ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇلغان بومبىنىڭ يىراقتىن كونتىرول قىلىنىدىغان تىزگىنىدەك بىلەن پارتلىتىلىشى نەتىجىسىدە ھاياتىدىن ئايرىلغان، ئۈچ مۇھاپىزەتچىسى يارىلانغان.

ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى تالىبان ئۆز ئۈستىگتە ئالغان.

بۇ ئارىلىقتا، تالىبان تەشكىلاتىغا ئەزا تېررورچىلار ئافغانىستاننىڭ گۇر ۋىلايىتىنىڭ مەركىزى فىرۇز كوھ شەھىرىگە جايلاشقان سايلام مەركىزىگە بېسىپ كىرىپ، 5 كىشىنى تۇتۇپ كەتكەن.

گۇر جامائەت خەۋپسىزلىكى باش ئىدارىسى باياناتچىسى مۇھەممەد ئىقبال نىزامىنىڭ ئېيتىشىچە، تېررورچىلار فىرۇز كوھ شەھىرىدىكى سايلام مەركىزىگە بېسىپ كىرىپ، 3 جامائەت خەۋپسىزلىكى خادىمى بىلەن مەركەزنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغدايدىغان 2 ساقچىنى تۇتۇپ كەتكەن.

دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرى تالىبان تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلگەنلەرنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتكەن.

ئافغانىستاندا 20 – ئۆكتەبىر كۈنى ئۆتكۈزۈلۈشى پىلانلىنىۋاتقان پارلامېنت ئەزالىرى سايلىمى ئۈچۈن سايلىغۇچىلارنى تىزىمغا ئېلىش خىزمىتى 14 – ئاپرېل باشلانغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر