ترامپ كىم جوڭئۇن بىلەن كۆرۈشۈش پىلانى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ شىمالىي كورېيە رەھبىرى كىم جوڭئۇن بىلەن كۆرۈشۈشنى «تۆت كۆز بىلەن كۈتۈۋاتقانلىقى» نى ئېيتتى.

954159
ترامپ كىم جوڭئۇن بىلەن كۆرۈشۈش پىلانى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكاغا زىيارەتكە كەلگەن ياپونىيە باش ۋەزىرى شىنزۇ ئابىنى فلورىدا ئىشتاتىدىكى مارا لاگو سارىيىدا كۈتۈۋالغان ترامپ، مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، شىمالىي كورېيە رەھبىرى كىم جوڭئۇن بىلەن كۆرۈشۈش پىلانى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.

پىرېزىدېنت ترامپ شىمالىي كورېيە بىلەن بىۋاستە ۋە يۇقىرى سەۋىيەدە كۆرۈشۈشنى باشلىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى. ئۇ كىم جوڭئۇن بىلەن كۆرۈشۈشنىڭ ئىيۇن ئېيىدا ئەمەلگە ئېشىشى مۇمكىنلىكىنى ئەسكەرتىپ، بۇ كۆرۈشۈشنىڭ ئورنىغا بەش ئوخشىمىغان ئېھتىماللىقلارنىڭ بارلىقىنى، بىراق ئاخىرقى قارارنىڭ چىقىرىلمىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ: «كىم جوڭئۇن بىلەن كۆرۈشۈشنى تۆت كۆز بىلەن كۈتۈۋاتىمەن، شىمالىي كورېيە بىلەن جەنۇبىي كورېيە ئوتتۇرىسىدىكى يىرىكچىلىكلەرنى ئاخىرلاشتۇرىدىغان ئۇچرىشىشلارنى قوللايمەن» دېدى.

ياپونىيە باش ۋەزىرى شىنزۇ ئابى پىرېزىدېنت ترامپ بىلەن ئايرىم كۆرۈشكەندە، شىمالىي كورېيە مەسىلىسىنىڭ مۇزاكىرە قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە: «شىمالىي كورېيە، ئامېرىكا ۋە ياپونىيەنىڭ مەنپەئەتلىرى ئۈچۈن مۇھىم مەسىلىلەرنىڭ مۇزاكىرە قىلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن» دېدى.

ياپونىيە باش ۋەزىرى شىنزۇ ئابىنىڭ ئامېرىكا زىيارىتى پەيشەنبە (19-ئاپرېل) كۈنىگىچە داۋاملىشىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر