50 دۆلەتتە پەلەستىن ئۈچۈن نامايىش ئۆتكۈزۈلىدۇ
خەلقئارا پەلەستىن ۋە قۇددۇسنى قوللاش ئۇيۇشمىلار بىرلىكى 50 دۆلەتتە ئىشچىلارنى ئۇيۇشتۇرۇپ پەلەستىن ۋە قۇددۇس ئۈچۈن نامايىش ئۆتكۈزىدۇ.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خەلقئارا پەلەستىن ۋە قۇددۇسنى قوللاش ئۇيۇشمىلار بىرلىكى ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ قۇددۇسنى «ئىسرائىلىيەنىڭ پايتەختى»سۈپىتىدە ئېلان قىلىشىغا نارازىلىق بىلدۈرۈش مەقسىتىدە 50 دۆلەتتە ئىشچىلارنى ئۇيۇشتۇرۇپ نامايىش ئۆتكۈزىدۇ.
ئىشچى-خىزمەتچىلەر ۋە ھەق-ئىش كونفېدېراتسىيەسى تەرىپىدىن 2017-يىلى ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن «قۇددۇس ئۈچۈن قولمۇ قول بىرلىكتە ھەرىكەت قىلايلى»پائالىيەتتە خەلقئارا پەلەستىن ۋە قۇددۇسنى قوللاش ئۇيۇشمىلار بىرلىكى قۇرۇلغانىدى. بىرلىكنىڭ باشلىقلىقىغا ھەق-ئىش ئۇيۇشمىسى باشلىقى مەھمۇت ئارسلان 250 ۋەكىلنىڭ قوللاپ ئاۋاز بېرىشى بىلەن سايلانغانىدى.
بىرلىك بۇ نۆۋەت ئامېرىكىنىڭ ئىسرائىلىيە ئەلچىخانىسىنى قۇددۇسقا يۆتكەش قارارىنى 50 دۆلەتتە ئىشچىلارنى ئۇيۇشتۇرۇپ نامايىش ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق خەلقئارا جامائەتچىلىكىنى دىققىتىنى قۇددۇسقا بۇراشنى پىلانلىماقتا.
ئارسلان 11-مايدا بۇ مەقسەتتە تۇنىسقا يىغىلىدىغانلىقلىرىنى ئېيتىپ مۇنۇلارنى بايان قىلدى: «تۇنىستىكى يىغىنىمىزغا 50 دۆلەتتىن ۋەكىل قاتنىشىدۇ. پۈتكۈل دۇنيادىكى ئەمگەكچىلەر ئامېرىكا ۋە ئىسرائىلىيەگە، شۇنداقلا ئامېرىكىنىڭ ئەلچىخانا يۆتكەش قارارىغا نارازىلىق بىلدۈرىدۇ.»
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
7 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنى باياننامەسى ئېلان قىلىندى
50 – نۆۋەتلىك 7 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنى باياننامە ئېلان قىلىنىش بىلەن ئاخىرلاشتى.