يەمەندىن سەئۇدى ئەرەبىستانغا يەنە باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئېتىلدى
سەئۇدى ئەرەبىستان يەمەندىكى خۇسىيلار تەرىپىدىن ئېتىلغان بىر بالىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى نەجران شەھىرى ھاۋا بوشلىقىدا پاچاقلاپ تاشلىدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سەئۇدى ئەرەبىستان ئەل ئىخبارىيە قانىلىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، سەئۇدى ئەرەبىستان ھاۋا مۇداپىئە قىسىملىرى يەمەندىن ئېتىلغان باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى نەجران شەھىرى ھاۋا بوشلۇقىدىلا پاچاقلاپ تاشلىغان.
خۇسىيلارغا تەۋە ئەل مەسىرە قانىلىدا بولسا، خۇسىلار ھەرىكىتىگە قاراشلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئەترىتى تەرىپىدىن نەجران شەھىرىنىڭ ئېلېكتىر ئىستانسىسىغا باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئېتىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.
خۇسىيلارنىڭ بۈگۈن قويۇپ بەرگەن باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىنى قوشقاندا يېقىنقى 5 كۈن ئىچىدە سەئۇدى ئەرەبىستانغا ئاتقان باشقۇرۇلىدىغان بومبا سانى جەمئىي 6 گە يەتتى.
يەمەندە ھاكىمىيەتنى تارتىۋالغان خۇسىيلار 2014 – يىلىدىن بۇيان پايتەخت سانا قاتارلىق بەزى رايونلارنى كونتىروللۇقى ئاستىدا تۇتۇپ كەلمەكتە.
سەئۇدى ئەرەبىستان باشچىلىقىدىكى بىرلەشمە ئارمىيە 2015 – يىلى مارت ئېيىدىن بۇيان يەمەننىڭ قانۇنلۇق ھاكىمىيىتىگە تەۋە قىسىملارنى قوللاپ – قۇۋۋەتلىمەكتە.