پۇتىن مېركېل بىلەن سۈرىيە توغرىسىدا سۆزلەشتى

رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېلغا، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، ئەنگلىيە ۋە فىرانسىيەنىڭ سۈرىيەدىكى ھۇجۇمىنىڭ خەلقئارا قانۇنغا زىت ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

953423
پۇتىن مېركېل بىلەن سۈرىيە توغرىسىدا سۆزلەشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كرېمىل سارىيى بايانات ئېلان قىلىپ، پۇتىن بىلەن مېركېلنىڭ سۈرىيە مەسىلىسىنى چۆرىدىگەن ھالدا تېلېفون سۆھبىتى ئۆتكۈزگەنلىكىنى، پۇتىننىڭ سۆھبەت جەريانىدا مېركېلغا، 3 دۆلەتنىڭ سۈرىيەگە قىلغان شەنبە كۈنىدىكى ھۇجۇمىنىڭ كىرىزىسنى تىنچ ئۇسۇلدا ھەل قىلىش مۇساپىسىگە ئېغىر زەربە بەرگەنلىكىنى ئېيتقانلىقىنى بىلدۈردى.

سۆھبەتتە، سۈرىيەدىكى خىمىيەلىك قوراللارنى چەكلەش تەشكىلاتىنىڭ خىمىيەلىك قورال ھۇجۇمى سادىر قىلىنغانلىقى توغرىسىدىكى دەۋالار ئۈستىدە ئەتراپلىق شۇنداقلا بىتەرەپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىنىڭ ئەھمىيىتى تەكىتلەپ ئۆتۈلدى.

ئىككى رەھبەر، ئاستانا ۋە جەنۋە سۆھبەتلىرىنى چۆرىدىگەن ھالدا، سۈرىيە مەسىلىسىگە ئالاقىدار سىياسىي ۋە دىپلوماتىك خىزمەتلەرنى قايتىدىن جانلاندۇرۇشقا كۈچ چىقىرىشقا ۋە جەھەتتە ئۆزئارا ئالاقىنى داۋاملاشتۇرۇشقا تەييار ئىكەنلىكلىرىنى بىلدۈرۈشتى.

ئۇچرىشىشتا، شىمالىي ئېقىم-2 تەبىئىي گاز تۇرۇبا لىنىيەسى قۇرۇلۇشى توغرىسىدىمۇ پىكىر ئالماشتۇرۇلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر