ھىندونېزىيە خەلقى سۈرىيەلىك قېرىنداشلىرىغا ياردەم قولىنى ئۇزاتتى
ھىندونېزىيە ئىنسانىي ياردەم جەمئىيىتى سۈرىيەلىك مۇساپىرلارغا مىڭ توننا گۈرۈچ ئەۋەتتى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھىندونېزىيە ئىنسانىي ياردەم جەمئىيىتى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان ئىنسانىي ياردەم سەپەرۋەرلىك پائالىيىتى دائىرىسىدە سۈرىيەلىك مۇساپىرلارغا تارقىتىپ بېرىش مەقسىتىدە مىڭ توننا گۈرۈچ تۈركىيەگە ئەۋەتىلدى.
ھىندونېزىيە ئىنسانىي ياردەم جەمئىيىتى باشلىقى ئاھيۇدىن سۈرىيەلىك 12 مىليون 500 مىڭ مۇساپىرنىڭ 3 مىليون 500 مىڭىنىڭ تۈركىيەدە ياشاۋاتقانلىقى، بۇ سەۋەبتىن تۈركىيە بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىشنىڭ تولىمۇ مۇھىملىقىنى ئەسكەرتتى.
ئاھيۇدىن تۈركىيەگە ئەۋەتىلگەن ياردەملەرنىڭ مۇساپىرلارغا تارقىتىپ بېرىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
بۇ خەيىرلىك ئىشنى ھىندونېزىيەدىكى ئاچە ئاھالىسىنىڭ قىلغانلىقىنى، ئاچە خەلقىنىڭ بۇ ئىنسانىي ھەرىكىتىنىڭ ھىندونېزىيەدىكى باشقا رايون ئاھالىسىگىمۇ ئۈلگە بولىدىغانلىقىنى ئېيتقان ئاھيۇدىن مۇنداق دېدى: « چۈنكى بىز قۇدرەتلىك مىللەتمىز، قىيىن ئەھۋالدا قالغان سۈرىيەلىك قېرىنداشلىرىمىزغا ياردەم قىلىشىمىز كېرەك.»
دۇنيا مىقىياسىدا خەيىر-ساخاۋەت ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىپ كېلىۋاتقان ھىندونېزىيە ئىنسانىي ياردەم جەمئىيىتى ئۆتمۈشتىمۇ ئىنسانىي كىرىزىس ۋە توقۇنۇشلار يۈز بەرگەن بىرما، سۈرىيە، سومالى ۋە غەززەگە ئوخشاش رايونلارغا 5000 توننىدىن ئارتۇق گۈرۈچ بىلەن مىدېتسىنا بۇيۇملىرى ئەۋەتكەنىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئامېرىكا ئۇكرائىناغا 2 مىليارد دوللار ياردەم بېرىدۇ
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئۇكرائىناغا 2 مىليارد دوللار ياردەم بېرىدۇ.
ئافغانىستاندا ھەربىي تىك ئۇچار چۈشۈپ كەتتى
ئافغانىستاننىڭ غور ۋىلايىتىدە بىر ھەربىي تىك ئۇچار ئايروپىلان دەريا قىرغىقىغا چۈشۈپ كەتتى.